سۈرە 53 · پارە 27
سورة النجم · 53:23
إِنْ هِيَ إِلَّا أَسْمَاءٌ سَمَّيْتُمُوهَا أَنْتُمْ وَآبَاؤُكُمْ مَا أَنْزَلَ اللَّهُ بِهَا مِنْ سُلْطَانٍ ۚ إِنْ يَتَّبِعُونَ إِلَّا الظَّنَّ وَمَا تَهْوَى الْأَنْفُسُ ۖ وَلَقَدْ جَاءَهُمْ مِنْ رَبِّهِمُ الْهُدَىٰ
بۇ بۇتلار پەقەت سىلەر ۋە ئاتا - بوۋاڭلار ئاتىۋالغان قۇرۇق ناملاردىنلا ئىبارەت، اﷲ بۇنى ئىسپاتلايدىغان ھېچبىر دەلىل - پاكىت چۈشۈرگىنى يوق، ئۇلارغا پەرۋەردىگارى تەرىپىدىن شەك - شۈبھىسىز ھىدايەت (يەنى پەيغەمبەر ۋە قۇرئان) كەلگەن تۇرۇقلۇق، ئۇلار پەقەت گۇمانغىلا ۋە نەپسىلىرىنىڭ خاھىشىغىلا ئەگىشىدۇ
تەپسىر
بۇ بۇتلار پەقەت قۇرۇق نامدىنلا ئىبارەتتۇر. ئۇلارنىڭ قىلچە ئىلاھلىق سالاھيىتى يوق. سىلەر ۋە ئەجدادلىرىڭلار ئۇلارنى ئۆزۈڭلارچە شۇنداق ئاتىۋالغان بولۇپ، ئاللاھ تائالا بۇ ھەقتە ھېچقانداق دەلىل - پاكىت چۈشۈرگىنى يوق. مۇشرىكلار ئۆزلىرىنىڭ ئېتىقادىدا پەقەت گۇمانغا ۋە شەيتان كۆڭۈللىرىگە چىرايلىق كۆرسەتكەنلىكتىن ئۆزلىرىنىڭ كۆڭلى تارتقان نەرسىگىلا تايىنىدۇ. ئۇلارغا پەرۋەردىگارى تەرىپىدىن پەيغەمبىرىنىڭ تىلى ئارقىلىق ھىدايەت كەلگەن بولسىمۇ، ئۇلار يەنىلا ئۇنىڭ بىلەن ھىدايەت تاپمىدى.
ئوقۇغۇچتا ئېچىڭ - پۈتۈن سۈرىنى ئوقۇڭ