سۈرە 47 · پارە 26

سورة محمد · 47:4

فَإِذَا لَقِيتُمُ الَّذِينَ كَفَرُوا فَضَرْبَ الرِّقَابِ حَتَّىٰ إِذَا أَثْخَنْتُمُوهُمْ فَشُدُّوا الْوَثَاقَ فَإِمَّا مَنًّا بَعْدُ وَإِمَّا فِدَاءً حَتَّىٰ تَضَعَ الْحَرْبُ أَوْزَارَهَا ۚ ذَٰلِكَ وَلَوْ يَشَاءُ اللَّهُ لَانْتَصَرَ مِنْهُمْ وَلَٰكِنْ لِيَبْلُوَ بَعْضَكُمْ بِبَعْضٍ ۗ وَالَّذِينَ قُتِلُوا فِي سَبِيلِ اللَّهِ فَلَنْ يُضِلَّ أَعْمَالَهُمْ

سىلەر كۇففارلارغا (جەڭ مەيدانىدا) ئۇچراشقان چېغىڭلاردا، ئۇلارنى ئۆلتۈرۈڭلار، سىلەر ئۇلارنى قىرىپ (مەغلۇپ قىلىپ، ئۇلاردا سىلەرگە قارشىلىق كۆرسىتىدىغان كۈچ قالمىغان چاغدا ئۇلارنى ئۆلتۈرۈشتىن توختاپ)، ئۇلارنى ئەسىر ئېلىڭلار، ئاندىن ئۇلارنى ئېھسان قىلىش يۈزىسىدىن قويۇپ بېرىڭلار، ياكى فىدىيە ئېلىپ قويۇپ بېرىڭلار، تاكى ئۇرۇش ئۆزىنىڭ ئېغىر يۈكىنى تاشلىغانغا قەدەر (يەنى ئۇرۇش توختىغانغا قەدەر) ئىش مانا شۇنداقتۇر. ئەگەر اﷲ خالىسا ئەلۋەتتە (سىلەرنى ئۇرۇشقا تەكلىپ قىلماستىنلا) ئۇلارنى جازالىغان بولاتتى، لېكىن اﷲ بەزىڭلارنى بەزىڭلار بىلەن سىناش ئۈچۈن (يەنى ئىمانىڭلارنى سىناش ئۈچۈن جىھادقا ئەمر قىلدى)، اﷲ نىڭ يولىدا ئۆلتۈرۈلگەنلەرنىڭ (يەنى شېھىتلەرنىڭ) ئەمەللىرىنى اﷲ بىكار قىلىۋەتمەيدۇ

تەپسىر

ئەي مۇئمىنلەر! كاپىرلارنىڭ ئىچىدىن سىلەرگە قارشى ئۇرۇشقا قاتناشقانلارنى ئۇچراتساڭلار، قىلىچلىرىڭلار بىلەن ئۇلارنىڭ بويۇنلىرىغا چېپىڭلار، ئۇلارنىڭ كۆپ قىسمىنى يەر چىشلەتكەنگە قەدەر ئۇرۇشنى داۋاملاشتۇرۇڭلار. شۇنداق قىلساڭلار ئۇلارنىڭ ھەيۋىتىنى يەرگە ئۇرالايسىلەر. ئۇلارنىڭ كۆپ قىسمىنى يوقىتىپ بولغىنىڭلاردا ئەسىر ئېلىشقا باشلاڭلار. قولۇڭلارغا ئەسىر چۈشكەنلەرنى مەنپەئەتكە قاراپ بىتەرەپ قىلساڭلار بولىدۇ. يەنى ئۇلارغا ياخشىلىق قىلىپ، بەدەلسىز قويۇۋەتسەڭلارمۇ ياكى مال يا باشقا بىرەر نەرسە ئېلىپ قويۇۋەتسەڭلارمۇ بولىدۇ. تاكى ئۇرۇش كاپىرلارنىڭ تەسلىم بولۇشى ياكى سۈلھىلىشىش بىلەن ئاخىرلاشقانغا قەدەر ئۇلارغا قارشى ئۇرۇش قىلىش ۋە ئەسىر ئېلىشنى داۋاملاشتۇرۇڭلار. مۇئمىنلەرنى كاپىرلار ئارقىلىق سىناش، غەلىبىنىڭ ئىككى تەرەپ ئارىسىدا ئايلىنىپ تۇرۇشى، بەزىدە بىر تەرەپ غەلىبە قىلسا، بەزىدە يەنە بىر تەرەپنىڭ غەلىبە قىلىشى ئاللاھنىڭ ھۆكمىدۇر. ئەگەر ئاللاھ ئۇرۇش قىلماستىن كاپىرلانىڭ يېڭىلىشىنى خالىسا ئىدى، ئەلۋەتتە شۇنداق قىلغان بولاتتى. لېكىن ئاللاھ سىلەرنى بىر - بىرىڭلار ئارقىلىق سىناش ئۈچۈن جىھادنى يولغا قويدى. يەنى مۇئمىنلەردىن كىمنىڭ ئۇرۇشقا قاتنىشىپ، كىمنىڭ قاتناشمايدىغانلىقىنى سىنايدۇ، كاپىرنى بولسا مۇئمىن بىلەن سىنايدۇ. چۈنكى مۇئمىن ئۆلتۈرۈلسە جەننەتكە كىرىدۇ، ئەگەر مۇئمىن كاپىرنى ئۆلتۈرۈۋەتسە كاپىر دوزاخقا كىرىدۇ. ئاللاھ يولىدا ئۆلتۈرۈلگەنلەرگە كەلسەك، ئاللاھ تائالا ئۇلارنىڭ ئەمەللىرىنى ھەرگىزمۇ زايە قىلىۋەتمەيدۇ.

ئوقۇغۇچتا ئېچىڭ - پۈتۈن سۈرىنى ئوقۇڭ