سۈرە 47 · پارە 26

سورة محمد · 47:38

هَا أَنْتُمْ هَٰؤُلَاءِ تُدْعَوْنَ لِتُنْفِقُوا فِي سَبِيلِ اللَّهِ فَمِنْكُمْ مَنْ يَبْخَلُ ۖ وَمَنْ يَبْخَلْ فَإِنَّمَا يَبْخَلُ عَنْ نَفْسِهِ ۚ وَاللَّهُ الْغَنِيُّ وَأَنْتُمُ الْفُقَرَاءُ ۚ وَإِنْ تَتَوَلَّوْا يَسْتَبْدِلْ قَوْمًا غَيْرَكُمْ ثُمَّ لَا يَكُونُوا أَمْثَالَكُمْ

سىلەر شۇنداق كىشىلەرسلەركى، اﷲ نىڭ يولىدا (پۇل - مال) سەرپ قىلىشقا چاقىرىلساڭلار، سىلەرنىڭ ئاراڭلاردا بېخىللىق قىلىدىغانلار بار، كىمكى بېخىللىق قىلىدىكەن، ئۇ ئۆزىنىڭ زىيىنى ئۈچۈن بېخىللىق قىلىدۇ، اﷲ (سىلەرنىڭ مال - مۈلكۈڭلاردىن) بىھاجەتتۇر، سىلەر بولساڭلار (اﷲ قا) موھتاجسىلەر، ئەگەر سىلەر (اﷲ نىڭ تائىتىدىن) يۈز ئۆرۈسەڭلار، اﷲ سىلەرنىڭ ئورنۇڭلارغا باشقا بىر قەۋمنى ئالماشتۇرىدۇ، ئۇلار سىلەرگە ئوخشاش بولمايدۇ (بەلكى اﷲ قا ئىتائەت قىلىدۇ)

تەپسىر

سىلەر شۇنداق كىشىلەركى، ماللىرىڭلارنىڭ بىر قىسمىنى ئاللاھ يولىدا چىقىم قىلىشقا چاقىرىلىسىلەر، ئاللاھ سىلەردىن مال - مۈلكۈڭلارنىڭ ھەممىنى بېرىشىنى تەلەپ قىلمايدۇ. ئاندىن ئاراڭلاردىن بېخىللىق قىلىپ تەلەپ قىلىنغان مالنى بەرگىلى ئۇنىمايدىغان، مېلىنىڭ بىر قىسمىنى ئاللاھ يولىدا چىقىم قىلىشقا بېخىللىق قىلىدىغانلارمۇ بار. بۇنداق ئادەم مال چىقىم قىلىشنىڭ ساۋابىدىن مەھرۇم قېلىش ئارقىلىق ئەمەلىيەتتە ئۆزىگە بېخىللىق قىلغان بولىدۇ. ئاللاھ تائالا ھەممىدىن بىھاجەتتۇر، شۇڭا سىلەرنىڭ مال چىقىم قىلىشىڭلارغا ئېھتىياجى يوقتۇر. ئەمما سىلەر ئۇنىڭغا موھتاجسىلەر. ئەگەر ئىسلامدىن كۇپرىغا قايتىۋالساڭلار ئاللاھ سىلەرنى ھالاك قىلىۋېتىپ، ئورنۇڭلارغا باشقا بىر قەۋمنى كەلتۈرىدۇ، ئاندىن ئۇلار سىلەردەك بولمايدۇ، ئەكسىچە ئاللاھقا ئىتائەت قىلغۇچىلار بولىدۇ.

ئوقۇغۇچتا ئېچىڭ - پۈتۈن سۈرىنى ئوقۇڭ