سۈرە 47 · پارە 26

سورة محمد · 47:36

إِنَّمَا الْحَيَاةُ الدُّنْيَا لَعِبٌ وَلَهْوٌ ۚ وَإِنْ تُؤْمِنُوا وَتَتَّقُوا يُؤْتِكُمْ أُجُورَكُمْ وَلَا يَسْأَلْكُمْ أَمْوَالَكُمْ

دۇنيا تىرىكچىلىكى پەقەت ئويۇن ۋە تاماشادىن ئىبارەتتۇر، ئەگەر سىلەر ئىمان ئېيتساڭلار ۋە تەقۋادارلىق قىلساڭلار (اﷲ) سىلەرگە ئەجرىڭلارنى بېرىدۇ، مال - مۈلكۈڭلارنىڭ ھەممىسىنى (بېرىشنى) سورىمايدۇ (پەقەت زاكاتنى بېرىشىڭلارنى سورايدۇ)

تەپسىر

بۇ دۇنيا ھاياتى پەقەتلا ئويۇن - تاماشادۇركى، ئاقىل ئادەم دۇنيا سەۋەبلىك ئاخىرەت ئۈچۈن ئەمەل قىلىشتىن مەشغۇل بوپقالمىسۇن. ئەگەر سىلەر ئاللاھقا ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرىگە ئىشەنسەڭلار، ئۇنىڭ بۇيرۇقلىرىنى بەجا كەلتۈرۈپ، چەكلىمىلىرىدىن يېنىش ئارقىلىق تەقۋادار بولساڭلار، ئاللاھ سىلەرنىڭ ئەمەللىرىڭلارنىڭ ساۋابىنى كېمەيتمەستىن تولۇق بېرىدۇ، سىلەردىن ماللىرىڭلارنىڭ ھەممىنى تەلەپ قىلمايدۇ، پەقەتلا زاكاتتىن ۋاجىب بولغان قىسمىنىلا بېرىشىڭلارنى تەلەپ قىلىدۇ.

ئوقۇغۇچتا ئېچىڭ - پۈتۈن سۈرىنى ئوقۇڭ