سۈرە 47 · پارە 26

سورة محمد · 47:31

وَلَنَبْلُوَنَّكُمْ حَتَّىٰ نَعْلَمَ الْمُجَاهِدِينَ مِنْكُمْ وَالصَّابِرِينَ وَنَبْلُوَ أَخْبَارَكُمْ

بىز سىلەرنى ئەلۋەتتە (جىھادقا ئەمر قىلىش ۋە مۇشەققەتلىك ئىشلارغا تەكلىپ قىلىش بىلەن) سىنايمىز، تاكى سىلەرنىڭ ئىچىڭلاردىن (اﷲ نىڭ يولىدا) جىھاد قىلغۇچىلارنى ۋە (جىھادنىڭ مۇشەققەتلىرىگە) چىداشلىق بەرگۈچىلەرنى بىلگەنگە، سىرلىرىڭلاردىن ۋاقىپ بولغانغا قەدەر

تەپسىر

ئەي مۇئمىنلەر! بىز سىلەرنى چوقۇم جىھاد، دۈشمەنلەرگە قارشى جەڭ قىلىش ۋە ئۆلتۈرۈلۈش بىلەن سىناپ تۇرىمىز. بۇ سىناق تاكى ئاراڭلاردىن ئاللاھ يولىدا جىھاد قىلىدىغان مۇجاھىدلارنى ھەمدە ئاللاھنىڭ دۈشمەنىلىرىگە قارشى جەڭ قىلىشتا سەۋرچان بولغانلارنى ئايرىپ چىققانغا قەدەر داۋاملىشىدۇ. بىز سىلەرنى سىناش ئارقىلىق ئاراڭلاردىكى راستچىلنى ساختىپەزدىن ئايرىيمىز.

ئوقۇغۇچتا ئېچىڭ - پۈتۈن سۈرىنى ئوقۇڭ