سۈرە 47 · پارە 26

سورة محمد · 47:13

وَكَأَيِّنْ مِنْ قَرْيَةٍ هِيَ أَشَدُّ قُوَّةً مِنْ قَرْيَتِكَ الَّتِي أَخْرَجَتْكَ أَهْلَكْنَاهُمْ فَلَا نَاصِرَ لَهُمْ

سېنى ھەيدەپ چىقارغان شەھەرنىڭ (يەنى مەككىنىڭ) ئاھالىسىدىن كۈچلۈك بولغان نۇرغۇن شەھەرلەرنىڭ ئاھالىسىنى ھالاك قىلدۇق، ئۇلارغا ھېچ قانداق ياردەم قىلغۇچى بولمىدى

تەپسىر

سېنى مەككىدىن چىقىرىۋەتكەن مەككىلىكلەردىن مال - دۇنيا ۋە بالا - چاقا جەھەتلەردە تولىمۇ كۈچلۈك بولغان ئىلگىرىكى ئۈممەتلەرنىڭ كۆپۈنچىسى پەيغەمبەرلىرىنى يالغانغا چىقارغانلىقلىرى ئۈچۈن ھالاك قىلغان ئىدۇق. ئۇلارنى ئاللاھنىڭ ئازابى كەلگەندە ئۇنىڭدىن قۇتۇلدۇرۇپ قالىدىغان بىرەر ياردەمچى بولمىغان ئىدى. دېمەك، ناۋادا مەككىلىكلەرنى ھالاك قىلماقچى بولساق، ئۇنىڭغىمۇ ئەلۋەتتە كۈچىمىز يېتىدۇ.

ئوقۇغۇچتا ئېچىڭ - پۈتۈن سۈرىنى ئوقۇڭ