سۈرە 40 · پارە 24

سورة غافر · 40:74

مِنْ دُونِ اللَّهِ ۖ قَالُوا ضَلُّوا عَنَّا بَلْ لَمْ نَكُنْ نَدْعُو مِنْ قَبْلُ شَيْئًا ۚ كَذَٰلِكَ يُضِلُّ اللَّهُ الْكَافِرِينَ

ئاندىن ئۇلارغا: «اﷲ نى قويۇپ شېرىك كەلتۈرگەن بۇتلىرىڭلار قەيەردە؟» دېيىلىدۇ، ئۇلار: «ئۇ بۇتلار ئۆزلىرىنى بىزدىن چەتكە ئالدى، بەلكى بىز ئىلگىرى ھېچنەرسىگە ئىبادەت قىلمايتتۇق» دەيدۇ. اﷲ كاپىرلارنى مۇشۇنداق گۇمراھ قىلىدۇ

تەپسىر

سىلەر ئاللاھنى قويۇپ قىلچە پايدا - زىيان يەتكۈزەلمەيدىغان ئاشۇ بۇتلىرىڭلاردىن (مەدەت تىلەيتتىڭلار)، دېيىلىدۇ. كاپىرلار: ئۇلار ئۆزلىرىنى بىزدىن چەتكە ئالدى. شۇڭا ئۇلارنى كۆرەلمەيۋاتىمىز. ئەكسىچە بىز دۇنيادا قۇلچىلىق قىلىشقا تېگىشلىك بىر نەرسىگە قۇلچىلىق قىلماپتۇق، دېيىشىدۇ. مۇشۇلارنى ئازدۇرغىنىغا ئوخشاش، ئاللاھ تائالا كاپىرلارنى ھەر ۋاقىت ۋە ھەر جايدا ئازدۇرۇۋېتىدۇ.

ئوقۇغۇچتا ئېچىڭ - پۈتۈن سۈرىنى ئوقۇڭ