سۈرە 40 · پارە 24
سورة غافر · 40:7
الَّذِينَ يَحْمِلُونَ الْعَرْشَ وَمَنْ حَوْلَهُ يُسَبِّحُونَ بِحَمْدِ رَبِّهِمْ وَيُؤْمِنُونَ بِهِ وَيَسْتَغْفِرُونَ لِلَّذِينَ آمَنُوا رَبَّنَا وَسِعْتَ كُلَّ شَيْءٍ رَحْمَةً وَعِلْمًا فَاغْفِرْ لِلَّذِينَ تَابُوا وَاتَّبَعُوا سَبِيلَكَ وَقِهِمْ عَذَابَ الْجَحِيمِ
ئەرشنى كۆتۈرۈپ تۇرغان ۋە ئەرشنىڭ چۆرىسىدىكى پەرىشتىلەر پەرۋەردىگارىغا تەسبىھ ئېيتىدۇ، ھەمدى ئېيتىدۇ، ئۇنىڭغا ئىمان ئېيتىدۇ، مۆمىنلەرگە مەغپىرەت تىلەيدۇ. (ئۇلار ئېيتىدۇ) «پەرۋەردىگارىمىز! سېنىڭ رەھمىتىڭ ۋە ئىلمىڭ ھەممە نەرسىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، تەۋبە قىلغانلارغا ۋە سېنىڭ يولۇڭغا ئەگەشكەنلەرگە مەغپىرەت قىلغىن، ئۇلارنى دوزاخ ئازابىدىن ساقلىغىن
تەپسىر
ئى پەيغەمبەر! پەرۋەردىگارىڭنىڭ ئەرشىنى كۆتۈرۈپ تۇرىدىغان ۋە ئەرشنى چۆرىدەپ تۇرىدىغان پەرىشتىلەر پەرۋەردىگارىنى نالايىق سۈپەتلەردىن پاكلايدۇ ۋە ئۇنىڭغا ئىمان ئېيتىدۇ ھەمدە ئاللاھقا ئىمان ئېيتقان كىشىلەر ئۈچۈن مەغپىرەت تىلەپ مۇنداق دۇئا قىلىدۇ: ئەي پەرۋەردىگارىمىز! سېنىڭ ئىلمىڭ ۋە رەھمىتىڭ ھەر نەرسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان. شۇڭا گۇناھلىرىدىن تەۋبە قىلىپ، سېنىڭ دىنىڭغا ئەگەشكەنلەرگە مەغپىرەت قىلغىن، ئۇلارنى دوزاخ ئازابى يېتىپ قېلىشتىن ساقلىغىن.
ئوقۇغۇچتا ئېچىڭ - پۈتۈن سۈرىنى ئوقۇڭ