سۈرە 40 · پارە 24
سورة غافر · 40:69
أَلَمْ تَرَ إِلَى الَّذِينَ يُجَادِلُونَ فِي آيَاتِ اللَّهِ أَنَّىٰ يُصْرَفُونَ
اﷲ نىڭ ئايەتلىرى ئۈستىدە جاڭجاللىشىۋاتقانلارنى كۆرمىدىڭمۇ؟ ئۇلار قانداقمۇ (ھىدايەتتىن گۇمراھلىققا) بۇرۇلۇپ كېتىدۇ؟
تەپسىر
ئى پەيغەمبەر! ئاللاھنىڭ ئايەتلىرى ھەققىدە جاڭجاللىشىۋاتقانلارنى كۆرمىدىڭمۇ؟ ئۇ ئايەتلەر شۇنچىۋالا روشەن تۇرسىمۇ ئۇلار ئۇنى ئىنكار قىلىدۇ. سەن ئۇلارنىڭ ھالىدىن ھەيران قالىسەن. ھالبۇكى ھەق شۇنچىۋالا ئېنىق تۇرسىمۇ ئۇلار ئۇنىڭدىن يۈز ئۆرۈيدۇ.
ئوقۇغۇچتا ئېچىڭ - پۈتۈن سۈرىنى ئوقۇڭ