سۈرە 40 · پارە 24

سورة غافر · 40:5

كَذَّبَتْ قَبْلَهُمْ قَوْمُ نُوحٍ وَالْأَحْزَابُ مِنْ بَعْدِهِمْ ۖ وَهَمَّتْ كُلُّ أُمَّةٍ بِرَسُولِهِمْ لِيَأْخُذُوهُ ۖ وَجَادَلُوا بِالْبَاطِلِ لِيُدْحِضُوا بِهِ الْحَقَّ فَأَخَذْتُهُمْ ۖ فَكَيْفَ كَانَ عِقَابِ

ئۇلار (يەنى مەككە كاپىرلىرى) دىن بۇرۇن، نۇھنىڭ قەۋمى ۋە ئۇلاردىن كېيىنكى (پەيغەمبەرلىرىگە قارشى ئۇيۇشقان ئاد ۋە سەمۇدقا ئوخشاش) جامائەلار (پەيغەمبەرلىرىنى) ئىنكار قىلدى. (پەيغەمبەرلىرىنى ئىنكار قىلغۇچى ئۈممەتلەردىن) ھەر ئۈممەت ئۆزلىرىنىڭ پەيغەمبىرىنى ھالاك قىلىشنى قەستلىدى. ھەقنى بىكار قىلىش ئۈچۈن باتىل (سۆزلەر ئارقىلىق پەيغەمبەرلىرى بىلەن) مۇنازىرە قىلىشتى، شۇنىڭ بىلەن ئۇلارنى ھالاك قىلدىم، مېنىڭ ئازابىم قانداق ئىكەن؟

تەپسىر

بۇلاردىن ئىلگىرى نۇھنىڭ قەۋمىمۇ (پەيغەمبەرلىرىنى) ئىنكار قىلغان ئىدى، نۇھ قەۋمىدىن كېيىن مەككە كاپىرلىرىدىن ئىلگىرى نۇرغۇن گۇرۇھلارمۇ (پەيغەمبەرلىرىنى) ئىنكار قىلىشتى. مەسىلەن، ئاد، سەمۇد، لۇت قەۋمى، مەديەن ئاھالىسى ۋە پىرئەۋنلەرمۇ پەيغەمبەرلىرىنى ئىنكار قىلىشقان ئىدى. ھەر بىر ئۈممەت ئۆز پەيغەمبىرىنى تۇتۇپ، ئۆلتۈرۈۋېتىشكە ئۇرۇندى، ئۇلار ھەقىقەتنى يوقىتىش ئۈچۈن ئۆزلىرى يېنىدىكى يالغان - ياۋىداقلارغا تايىنىپ دەتالاش قىلىشتى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئۈممەتلەرنىڭ ھەممىنى جازالىدىم. قېنى ئويلاپ باققىن، مېنىڭ جازايىم قانداق بوپتۇ؟ ئۇ ھەقىقەتەنمۇ ئېغىر جازا ئىدى.

ئوقۇغۇچتا ئېچىڭ - پۈتۈن سۈرىنى ئوقۇڭ