سۈرە 40 · پارە 24

سورة غافر · 40:46

النَّارُ يُعْرَضُونَ عَلَيْهَا غُدُوًّا وَعَشِيًّا ۖ وَيَوْمَ تَقُومُ السَّاعَةُ أَدْخِلُوا آلَ فِرْعَوْنَ أَشَدَّ الْعَذَابِ

ئۇلار ئەتىگىنى - ئاخشىمى ئوتقا توغرىلىنىپ تۇرىدۇ، قىيامەت قايىم بولغان كۈندە: «ئى پىرئەۋن جامائەسى! ئازابنىڭ ئەڭ قاتتىقىغا (دوزاخ ئوتىغا) كىرىڭلار!» (دېيىلىدۇ)

تەپسىر

ئۇلار ئۆلگىنىدىن كېيىن قەبرىلىرىدە ئەتىگەن - ئاخشامدا ئوتقا توغرىلىنىپ تۇرىدۇ. قىيامەت كۈنى ئۇلارغا: ئەي پىرئەۋننىڭ ئەگەشكۈچىلىرى! دۇنيادا كاپىر بولۇپ، ھەقىقەتنى ئىنكار قىلىپ، ئاللاھنىڭ يولىدىن توسقانلىقىڭلار ئۈچۈن ئازابنىڭ ئەڭ قاتتىقىغا كىرىڭلار، دېيىلىدۇ.

ئوقۇغۇچتا ئېچىڭ - پۈتۈن سۈرىنى ئوقۇڭ