سۈرە 40 · پارە 24
سورة غافر · 40:37
أَسْبَابَ السَّمَاوَاتِ فَأَطَّلِعَ إِلَىٰ إِلَٰهِ مُوسَىٰ وَإِنِّي لَأَظُنُّهُ كَاذِبًا ۚ وَكَذَٰلِكَ زُيِّنَ لِفِرْعَوْنَ سُوءُ عَمَلِهِ وَصُدَّ عَنِ السَّبِيلِ ۚ وَمَا كَيْدُ فِرْعَوْنَ إِلَّا فِي تَبَابٍ
پىرئەۋن (ۋەزىرى ھامانغا): «ئى ھامان! ماڭا بىر ئېگىز بىنا سالغىن، ئۇنىڭ بىلەن مەن دەرۋازىلارغا–ئاسماننىڭ دەرۋازىلىرىغا يېتىشىم مۇمكىن، شۇنىڭ بىلەن مەن مۇسانىڭ ئىلاھىنى كۆرەي، مەن ھەقىقەتەن مۇسانى يالغانچى دەپ گۇمان قىلىمەن» دېدى. پىرئەۋنگە ئۇنىڭ يامان ئەمەلى شۇنداق چىرايلىق كۆرسىتىلدى، پىرئەۋن (گۇمراھلىقى تۈپەيلىدىن ھىدايەت) يولىدىن مەنئى قىلىندى، پىرئەۋننىڭ ھىيلە - مىكرى پەقەت بىكاردۇر
تەپسىر
ئاسمانلارغا يەتكۈزىدىغان يوللارنى تېپىۋالسام، مۇسانىڭ ھەقىقىي مەبۇد دەۋالغان مەبۇدىغا قاراپ باقارمەن. شەكسىزكى مەن مۇسانى ئۆز دەۋاسىدا چوقۇم يالغانچى، دەپ قارايمەن. پىرئەۋننىڭ ناچار قىلمىشى ئۇنىڭغا ئەنە شۇنداق چىرايلىق كۆرسىتىلدى. ئۇ ئەينى چاغدا ھاماندىن (ئورۇنسىز بىر) ئىشنى تەلەپ قىلدى ۋە ھەق يولىدىن ئازغۇنلۇق يولىغا بۇرۇۋېتىلدى. پىرئەۋن ئۆزىنىڭ ئاساسسىز سەپسەتىلىرىنى بازارغا سېلىپ، مۇسا ئېلىپ كەلگەن ھەقىقەتنى ئاساسسىزغا چىقارغانلىقى ئۈچۈن ئۇنىڭ ھىيلە - مىكرى پەقەت قۇرۇق ئاۋارىچىلىقتۇر. چۈنكى ئۇنىڭ ئاقىۋىتى زىيان تارتىش ۋە تىرىشچانلىقى بىكارغا كېتىش ھەمدە قەتئىي ئاخىرلاشمايدىغان بەدبەختلىكتۇر.
ئوقۇغۇچتا ئېچىڭ - پۈتۈن سۈرىنى ئوقۇڭ