سۈرە 40 · پارە 24
سورة غافر · 40:26
وَقَالَ فِرْعَوْنُ ذَرُونِي أَقْتُلْ مُوسَىٰ وَلْيَدْعُ رَبَّهُ ۖ إِنِّي أَخَافُ أَنْ يُبَدِّلَ دِينَكُمْ أَوْ أَنْ يُظْهِرَ فِي الْأَرْضِ الْفَسَادَ
پىرئەۋن ئېيتتى: «مېنى قويۇۋېتىڭلار، مۇسانى ئۆلتۈرىمەن، مۇسا (ئۆزىنى مەندىن قۇتۇلدۇرۇش ئۈچۈن) پەرۋەردىگارىنى چاقىرسۇن، مەن ھەقىقەتەن مۇسانىڭ دىنىڭلارنى ئۆزگەرتىۋېتىشىدىن ياكى زېمىندا (يەنى دۆلەتتە) قالايمىقانچىلىق تۇغدۇرۇشىدىن قورقىمەن»
تەپسىر
پىرئەۋن ئېيتتى: ماڭا يول قويۇڭلار، مەن مۇسانى جازالاش يۈزىسىدىن ئۆلتۈرىمەن. ئۇ ئۆزىنى مەندىن قۇتۇلدۇرۇش ئۈچۈن پەرۋەردىگارىنى چاقىرىپ باقسۇن. مەن ئۇنىڭ پەرۋەردىگارىنى چاقىرىشىغا پەرۋا قىلمايمەن. مەن ھەقىقەتەن مۇسانىڭ دىنىڭلارنى ئۆزگەرتىۋېتىشىدىن ياكى يەر يۈزىدە ئادەم ئۆلتۈرۈش ۋە خانىۋەيرانچىلىق بىلەن بۇزغۇنچىلىق قىلىشىدىن ئەنسىرەيمەن.
ئوقۇغۇچتا ئېچىڭ - پۈتۈن سۈرىنى ئوقۇڭ