سۈرە 40 · پارە 24

سورة غافر · 40:12

ذَٰلِكُمْ بِأَنَّهُ إِذَا دُعِيَ اللَّهُ وَحْدَهُ كَفَرْتُمْ ۖ وَإِنْ يُشْرَكْ بِهِ تُؤْمِنُوا ۚ فَالْحُكْمُ لِلَّهِ الْعَلِيِّ الْكَبِيرِ

بۇ شۇنىڭ ئۈچۈندۇركى، سىلەر اﷲ نى بىر دەپ بىلىشكە چاقىرىلغاندا (بۇنى) ئىنكار قىلدىڭلار، ئەگەر اﷲ قا شېرىك كەلتۈرۈلسە (يەنى لات، ئۇززا قاتارلىق بۇتلارغا چوقۇنۇشقا چاقىرىلساڭلار) ئۇنى تەستىق قىلىسىلەر (يەنى ئۇلارنىڭ ئىلاھلىقىنى ئېتىراپ قىلىسىلەر)، ھۆكۈم يۈكسەك، بۈيۈك اﷲ قا خاستۇر

تەپسىر

سىلەر دۇچار بولغان بۇ ئازاب شۇ سەۋەبتىندۇركى، يالغۇز ئاللاھقا چاقىرىق قىلىنىپ، ئۇنىڭغا ھېچ كىمنى شېرىك قىلماسلىققا دەۋەت قىلىنغىنىڭلاردا سىلەر ئۇنىڭغا كاپىر بولۇپ، شېرىكلەرنى قىلدىڭلار. ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرۈلگىنىدە ئۇنىڭغا ئىشەندىڭلار. ئەمدى ھۆكۈم يالغۇز ئاللاھقا خاستۇر. ئاللاھ زاتىدا، بېكتىشىدە ۋە باشقۇرۇشىدا ھەممىدىن ئۈستۈندۇر، ئۇ ھەممىدىن بۈيۈك بولۇپ، ھەر نەرسە ئۇنىڭدىن تۆۋەندۇر.

ئوقۇغۇچتا ئېچىڭ - پۈتۈن سۈرىنى ئوقۇڭ