سۈرە 40 · پارە 24
سورة غافر · 40:10
إِنَّ الَّذِينَ كَفَرُوا يُنَادَوْنَ لَمَقْتُ اللَّهِ أَكْبَرُ مِنْ مَقْتِكُمْ أَنْفُسَكُمْ إِذْ تُدْعَوْنَ إِلَى الْإِيمَانِ فَتَكْفُرُونَ
شۈبھىسىزكى، كاپىرلارغا: «اﷲ نىڭ (دۇنيادا) سىلەرگە بولغان غەزىپى سىلەرنىڭ (ئاخىرەتتە) بىر - بىرىڭلارغا بولغان غەزىپىڭلاردىن ئېشىپ چۈشىدۇ، چۈنكى سىلەر ئىمانغا دەۋەت قىلىناتتىڭلار، لېكىن ئىمان ئېيتمايتتىڭلار» دەپ نىدا قىلىنىدۇ
تەپسىر
شۈبھىسىزكى ئاللاھقا ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبەرلىرىگە كاپىر بولغانلار قىيامەت كۈنى دوزاخقا كىرىپ، ئۆزلىرىگە غەزەپلەنگەن ۋە غەزىپىنى ئاشكارىلىغان چاغدا ئۇلارغا: ئاللاھنىڭ سىلەرگە بولغان غەزىپى سىلەرنىڭ بىر - بىرىڭلارغا بولغان غەزىپىڭلاردىنمۇ كۈچلۈكتۇر. ئەينى چاغدا دۇنيادا ئاللاھقا ئىمان ئېيتىشقا چاقىرىلغىنىڭلاردا ئۇنىڭغا كاپىر بولۇپ، باشقا ئىلاھلارنى (مەبۇد) قىلىۋالغان ئىدىڭلار، دەپ نىدا قىلىنىدۇ.
ئوقۇغۇچتا ئېچىڭ - پۈتۈن سۈرىنى ئوقۇڭ