سۈرە 4 · پارە 5
سورة النساء · 4:94
يَا أَيُّهَا الَّذِينَ آمَنُوا إِذَا ضَرَبْتُمْ فِي سَبِيلِ اللَّهِ فَتَبَيَّنُوا وَلَا تَقُولُوا لِمَنْ أَلْقَىٰ إِلَيْكُمُ السَّلَامَ لَسْتَ مُؤْمِنًا تَبْتَغُونَ عَرَضَ الْحَيَاةِ الدُّنْيَا فَعِنْدَ اللَّهِ مَغَانِمُ كَثِيرَةٌ ۚ كَذَٰلِكَ كُنْتُمْ مِنْ قَبْلُ فَمَنَّ اللَّهُ عَلَيْكُمْ فَتَبَيَّنُوا ۚ إِنَّ اللَّهَ كَانَ بِمَا تَعْمَلُونَ خَبِيرًا
ئى مۆمىنلەر! اﷲ يولىغا (يەنى غازاتقا) ئاتلانغان ۋاقتىڭلاردا ھەقىقەتلەپ ئىش قىلىڭلار (يەنى مۆمىن ياكى كاپىرلىقى ئېنىق بولغۇچە ئۆلتۈرۈشكە ئالدىراپ كەتمەڭلار)، سىلەرگە مۇسۇلمان بولغانلىقىنى بىلدۈرۈپ سالام بەرگەن ئادەمگە - دۇنيانىڭ مال - مۈلكىنى (غەنىيمەتنى) كۆزلەپ - سەن مۆمىن ئەمەسسەن دېمەڭلار (يەنى ئۆلۈشتىن قورقۇپ سالام بەردىڭ دەپ ئۇنى ئۆلتۈرۈۋەتمەڭلار)، اﷲ نىڭ دەرگاھىدا (مۇنداقلارنى ئۆلتۈرۈشتىن سىلەرنى بىھاجەت قىلىدىغان) نۇرغۇن غەنىيمەتلەر (يەنى ساۋاب) بار، ئىلگىرى سىلەرمۇ ئەنە شۇنداق (كاپىر) ئىدىڭلار، كېيىن اﷲ سىلەرگە (ئىماننى) ئىلتىپات قىلدى، (ئۇلارنى ئۆزۈڭلارغا سېلىشتۇرۇپ) ھەقىقەتلەپ ئىش قىلىڭلار. اﷲ سىلەرنىڭ قىلمىشىڭلاردىن خەۋەرداردۇر
تەپسىر
ئەي ئاللاھقا ئىمان ئېيتقان ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرىگە ئەگەشكەن مۇئمىنلەر! ناۋادا ئاللاھ يولىدا جىھادقا چىقىپ قالساڭلار، ئالدى بىلەن كىمگە قارشى جىھاد قىلىدىغانلىقىڭلارنى مۇئەييەنلەشتۈرۈۋېلىڭلار. ئۆزىنىڭ مۇسۇلمانلىقىنى ئىزھار قىلغان كىشىگە: سەن مۇئمىن ئەمەس، پەقەت ئۆلۈمدىن ۋە مال-مۈلكۈڭدىن ئەنسىرەپ مۇسۇلمانلىقىڭنى ئىزھار قىلىشقا مەجبۇر بولدۇڭ، دېمەڭلار ھەمدە ئۇنى ئۆلتۈرۈش ئارقىلىق ئۇنىڭدىن غەنىمەت ئېلىش دېگەندەك دۇنيانىڭ ئەرزىمەس مەنپەئەتىنى كۆزلەپ ئۆلتۈرۈۋەتمەڭلار. چۈنكى ئاللاھنىڭ دەرگاھىدا كۆپلىگەن غەنىمەتلەر بار، ئۇ بۇنىڭدىن كۆپ ياخشى ھەم تولىمۇ كاتتىدۇر. سىلەرمۇ ئىلگىرى ئۆز قەۋمىدىن ئىمانىنى يوشۇرۇپ كەلگەن مۇشۇ ئادەمگە ئوخشاش ئىدىڭلار. ئاندىن ئاللاھ سىلەرگە ئىسلام ئارقىلىق كۆپ ياخشىلىق قىلدى، جېنىڭلارنى ساقلاپ قالدى. شۇڭا ئالدى بىلەن كىمگە قارشى ئۇرۇش قىلىدىغانلىقىڭلارنى مۇئەييەنلەشتۈرۈۋېلىڭلار. شەكسىزكى ئاللاھقا سىلەرنىڭ قىلمىشلىرىڭلاردىن كىچىككىنە نەرسىمۇ مەخپىي قالمايدۇ. سىلەرنى چوقۇم ئەمىلىڭلارغا يارىشا جازا-مۇكاپاتقا تارتىدۇ.
ئوقۇغۇچتا ئېچىڭ - پۈتۈن سۈرىنى ئوقۇڭ