سۈرە 4 · پارە 5

سورة النساء · 4:92

وَمَا كَانَ لِمُؤْمِنٍ أَنْ يَقْتُلَ مُؤْمِنًا إِلَّا خَطَأً ۚ وَمَنْ قَتَلَ مُؤْمِنًا خَطَأً فَتَحْرِيرُ رَقَبَةٍ مُؤْمِنَةٍ وَدِيَةٌ مُسَلَّمَةٌ إِلَىٰ أَهْلِهِ إِلَّا أَنْ يَصَّدَّقُوا ۚ فَإِنْ كَانَ مِنْ قَوْمٍ عَدُوٍّ لَكُمْ وَهُوَ مُؤْمِنٌ فَتَحْرِيرُ رَقَبَةٍ مُؤْمِنَةٍ ۖ وَإِنْ كَانَ مِنْ قَوْمٍ بَيْنَكُمْ وَبَيْنَهُمْ مِيثَاقٌ فَدِيَةٌ مُسَلَّمَةٌ إِلَىٰ أَهْلِهِ وَتَحْرِيرُ رَقَبَةٍ مُؤْمِنَةٍ ۖ فَمَنْ لَمْ يَجِدْ فَصِيَامُ شَهْرَيْنِ مُتَتَابِعَيْنِ تَوْبَةً مِنَ اللَّهِ ۗ وَكَانَ اللَّهُ عَلِيمًا حَكِيمًا

مۆمىن ئادەمنىڭ مۆمىن ئادەمنى سەۋەنلىك بىلەن ئەمەس، قەستەن ئۆلتۈرۈشى ھېچ دۇرۇس ئەمەس، كىمكى بىرەر مۆمىننى سەۋەنلىك بىلەن ئۆلتۈرۈپ قويىدىكەن، ئۇ بىر مۆمىن قۇلنى ئازاد قىلىشى ۋە ئۆلتۈرۈلگۈچىنىڭ ۋارىسلىرىغا دىيەت تۆلىشى كېرەك، ئۇلار (يەنى ئۆلتۈرۈلگۈچىنىڭ ۋارىسلىرى) دىيەتنى كەچۈرۈم قىلسام (شۇنىڭ بىلەن قاتىل ئۇنى) تۆلىمىسە ھېچ باك يوق، ئەگەر ئۆلتۈرۈلگۈچى مۆمىن سىلەرگە دۈشمەن (كۇففار) قەۋمدىن بولسا، بۇ چاغدا ئۆلتۈرۈپ قويغۇچى بىر نەپەر مۆمىن قۇلنى ئازاد قىلىشى لازىم (دىيەت كەلمەيدۇ. چۈنكى ئۆلتۈرۈلگۈچىنىڭ ئىگىسى مۇسۇلمان بولمىغاچقا ئۇنىڭغا ۋارىس بولمايدۇ)، ئەگەر ئۆلتۈرۈلگۈچى ئاراڭلاردا مۇئاھىدە بولغان (كۇففار) قەۋمدىن بولسا، ئۇنىڭ ۋارىسلىرىغا دىيەت تۆلەش ۋە بىر نەپەر قۇلنى ئازاد قىلىش كېرەك، ئازاد قىلىدىغان قۇل تاپالمىغان ئادەم (يەنى قۇل ئازاد قىلىشقا قادىر بولالمىغان ئادەم) (تەۋبىسىنى اﷲ نىڭ قوبۇل قىلىشى ئۈچۈن) ئۈزۈلدۈرمەي ئىككى ئاي روزا تۇتۇشى لازىم. اﷲ ھەممىنى بىلىپ تۇرغۇچى، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر

تەپسىر

بىر مۇئمىننىڭ يەنە بىر مۇئمىننى ئۆلتۈرۈۋېتىشى توغرا ئەمەس، لېكىن بۇ ئىش سەۋەنلىكتىن يۈز بېرىپ قالغان بولسا، (بۇنىڭغا باشقىچە مۇئامىلە قىلىنىدۇ). يەنى، كىمكى بىر مۇئمىننى سەۋەنلىكتىن ئۆلتۈرۈپ قويىدىكەن، ئۇ ئۆز قىلمىشىنىڭ كەففارىتى ئۈچۈن بىر قۇل ئازات قىلىشى، قاتىلنىڭ مىراسخور تۇغقانلىرى ئۆلتۈرۈلگۈچىنىڭ مىراسخورلىرىغا تولۇق بىر دىيەت تۆلىشى كېرەك. لېكىن ئۆلتۈرۈلگۈچىنىڭ تۇغقانلىرى دىيەتنى ئۆتۈۋەتسە، تۆلىمىسىمۇ بولىدۇ. ئۆلتۈرۈلگۈچى سىلەرگە دۈشمەن قەۋمدىن بولغان تەقدىردىمۇ، مۇئمىنلا بولىدىكەن، يەنىلا قاتىل مۇئمىن بىر قۇل ئازات قىلىشى كېرەك، ئەمما دىيەت تۆلىمەيدۇ. ناۋادا ئۆلتۈرۈلگۈچى مۇئمىن ئەمەس، ئەمما ئاراڭلاردا ئەھدى-پەيمان بار، مەسىلەن زىممىيلەرگە ئوخشاش كىشى بولسا، بۇ چاغدا قاتىلنىڭ مىراسخور تۇغقانلىرى ئۆلتۈرۈلگۈچىنىڭ تۇغقانلىرىغا تولۇق بىر دىيەت تۆلىشى كېرەك. قاتىل بولسا ئۆز قىلمىشىنىڭ كەففارىتى ئۈچۈن مۇئمىن قۇلدىن بىرنى ئازات قىلىشى لازىم. ئەگەر ئازات قىلىدىغانغا مۇئمىن قۇل تاپالمىسا ياكى ئۇنىڭ قىممىتىنىمۇ بېرەلمىسە، بۇ چاغدا ئۇ ئىككى ئاي ئارقىمۇ-ئارقا، بۇ ۋاقىت ئىچىدە ئارىلىقنى ئۈزۈپ قويماي روزا تۇتۇشى كېرەك. بۇ ھۆكۈملەر ئاللاھنىڭ، قاتىلنىڭ قىلمىشلىرىغا قارىتا قىلغان تەۋبىسىنى قوبۇل قىلىشى ئۈچۈندۇر. ئاللاھ بەندىلىرىنىڭ ئەمەللىرىنى ۋە نىيەتلىرىنى بىلگۈچىدۇر، يولغا قويغان ئەھكام ۋە پىلانلىرىدا ھېكمەتلىك ئىش قىلغۇچىدۇر.

ئوقۇغۇچتا ئېچىڭ - پۈتۈن سۈرىنى ئوقۇڭ