سۈرە 4 · پارە 4

سورة النساء · 4:8

وَإِذَا حَضَرَ الْقِسْمَةَ أُولُو الْقُرْبَىٰ وَالْيَتَامَىٰ وَالْمَسَاكِينُ فَارْزُقُوهُمْ مِنْهُ وَقُولُوا لَهُمْ قَوْلًا مَعْرُوفًا

تەقسىمات ۋاقتىدا (ۋارىس ئەمەس) تۇغقانلار، (تۇغقان ئەمەس) يېتىملەر ۋە مىسكىنلەر ھازىر بولسا، ئۇلارغا بۇنىڭدىن (يەنى تەرەكىدىن ئۇلارنىڭ كۆڭلىنى ئېلىش ئۈچۈن بىر ئاز نەرسە) بېرىڭلار، ئۇلارغا چىرايلىق سۆز قىلىڭلار (يەنى بۇ كىچىكلەرنىڭ مېلى، بىزنىڭ ئەمەس دېگەنگە ئوخشاش ئۆزرىنى ئېيتىڭلار)

تەپسىر

مېيىتنىڭ قالدۇرۇپ كەتكەن نەرسىلىرىنى تەقسىم قىلىدىغان ۋاقىتتا مىراسخۇر بولمىغان تۇغقانلار، يېتىملەر ۋە كەمبەغەللەر كېلىپ قالسا، ئۇلارغا بۇ مالنى تەقسىم قىلىشتىن ئىلگىرى كۆڭلۈڭلاردىن رازى بولۇپ ئازراق بىر نەرسە بېرىڭلار. بۇ مال سىلەرگە مۇشەققەتسىز كەلگەندىكىن، ئۇلارغا چىرايلىق سۆز قىلىڭلار، سەت گەپ قىلماڭلار. چۈنكى ئۇلار ئۇ مالدىن بېرىشىڭلارنى ئارزۇ قىلىپ قالغان .بولۇشى مۇمكىن

ئوقۇغۇچتا ئېچىڭ - پۈتۈن سۈرىنى ئوقۇڭ