سۈرە 4 · پارە 5
سورة النساء · 4:77
أَلَمْ تَرَ إِلَى الَّذِينَ قِيلَ لَهُمْ كُفُّوا أَيْدِيَكُمْ وَأَقِيمُوا الصَّلَاةَ وَآتُوا الزَّكَاةَ فَلَمَّا كُتِبَ عَلَيْهِمُ الْقِتَالُ إِذَا فَرِيقٌ مِنْهُمْ يَخْشَوْنَ النَّاسَ كَخَشْيَةِ اللَّهِ أَوْ أَشَدَّ خَشْيَةً ۚ وَقَالُوا رَبَّنَا لِمَ كَتَبْتَ عَلَيْنَا الْقِتَالَ لَوْلَا أَخَّرْتَنَا إِلَىٰ أَجَلٍ قَرِيبٍ ۗ قُلْ مَتَاعُ الدُّنْيَا قَلِيلٌ وَالْآخِرَةُ خَيْرٌ لِمَنِ اتَّقَىٰ وَلَا تُظْلَمُونَ فَتِيلًا
(ئى مۇھەممەد!) ئۇلارغا (يەنى مەككىدە تۇرۇپ ئۇرۇشۇشنى تەلەپ قىلغانلارغا): «(ئۇرۇشتىن) قولۇڭلارنى يىغىڭلار، ناماز ئوقۇڭلار، زاكات بېرىڭلار» دېگەن كىشىلەرنى كۆرمىدىڭمۇ؟ (يەنى ئۇلاردىن ئەجەبلەنمەمسەن؟) بۇلارغا جىھاد پەرز قىلىنغان چاغدا، ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى بىر تۈركۈم كىشىلەر دۈشمەندىن گويا اﷲ (نىڭ ئازابى) دىن قورققاندەك بەلكى ئۇنىڭدىنمۇ بەتتەررەك قورقىدۇ. ئۇلار (ئۆلۈمدىن قورقۇپ): «پەرۋەردىگارىمىز! بىزگە نېمە ئۈچۈن جىھادنى پەرز قىلدىڭ؟ نېمە ئۈچۈن بىزنى ئۇزاققا قالماي كېلىدىغان ئەجەلگىچە تەخىر قىلمىدىڭ؟ (يەنى ئەجىلىمىز يەتكۈچە تەخىر قىلساڭ، ئۇرۇشتا ئۆلتۈرۈلمىسەك بولماسمىدى؟)» دېدى. (ئى مۇھەممەد!) ئېيتقىنكى، «دۇنيانىڭ مەنپەئىتى ئازدۇر (يەنى دۇنيانىڭ نېمىتى پانىيدۇر)، (اﷲ تىن) قورققان (ۋە ئۇنىڭ ئەمرىنى تۇتقانلار) ئۈچۈن ئاخىرەت ياخشىدۇر، سىلەرگە قىلچىلىك زۇلۇم قىلىنمايدۇ (يەنى قىلغان ئەمەلىڭلارنىڭ ساۋابى كېمەيتىلمەيدۇ)»
تەپسىر
ئەي پەيغەمبەر! ئۆزلىرىگە جىھاد پەرز قىلىنىشىنى تىلىگەندە: (ھازىرچە) ئۇرۇشتىن قوللىرىڭلارنى تارتىڭلار، ناماز ئوقۇپ، زاكاتنى ئادا قىلغاچ تۇرۇڭلار، دېيىلگەن بىر بۆلۈك ساھابىلىرىڭنىڭ ھالىدىن خەۋىرىڭ بارمۇ؟ -بۇ، جىھاد پەرز قىلىنىشتىن بۇرۇنقى ئىش ئىدى-. ئۇزاق ئۆتمەي ئۇلار مەدىنىگە ھىجرەت قىلىپ، ئىسلام كۈچەيگەندە جىھاد پەرز قىلىنسا، ئۇلارنىڭ بىر قىسمىغا جىھاد قىلىش ئېغىر كېلىپ، كىشىلەردىن خۇددى ئاللاھتىن قورققاندەك ياكى ئۇنىڭدىنمۇ بەكرەك قورقىدىغان بوپقالدى، ھەمدە: ئەي پەرۋەردىگارىمىز، بىزگە نېمىشقا جىھادنى پەرز قىلدىڭ؟ بىز دۇنيادىن بىر مۇددەت بەھىرلىنىۋالغانغا قەدەر يەنە ئازراق كېچىكتۈرسەڭ بولماسىمىدى؟ دېيىشتى. ئەي پەيغەمبەر! ئۇلارغا ئېيتقىنكى، دۇنيا مەنپەئەتى ھەرقانچە ۋايىغا يەتسىمۇ (ئاخىرەت نېئمەتلىرىگە نىسبەتەن) يەنىلا ئاز، ھامان يوقىلىدۇ. ئاخىرەت بولسا ئاللاھتىن قورققان كىشىلەر ئۈچۈن ھەممىدىن ياخشىدۇر، چۈنكى ئۇ ئۈزۈلۈپ قالمايدىغان، دائىمىي نېئمەتتۇر. سىلەرنىڭ ياخشى ئەمەللىرىڭلاردىن، گەرچە خورمىنىڭ ئۇرۇقچىسىدىكى يىپقا چاغلىق كىچىككىنە نەرسىمۇ كېمەيتىۋېتىلمەيدۇ.
ئوقۇغۇچتا ئېچىڭ - پۈتۈن سۈرىنى ئوقۇڭ