سۈرە 4 · پارە 5

سورة النساء · 4:67

وَإِذًا لَآتَيْنَاهُمْ مِنْ لَدُنَّا أَجْرًا عَظِيمًا

ئۇ چاغدا دەرگاھىمىزدىن ئۇلارغا ئەلۋەتتە بۈيۈك ئەجىر (يەنى جەننەت) ئاتا قىلاتتۇق

تەپسىر

ناۋادا بىز ئۇلارغا بىر-بىرىنى ئۆلتۈرۈشنى ياكى يۇرتلىرىدىن قوغلاپ چىقىرىۋېتىشنى پەرز قىلساق ئىدۇق، ئۇلارنىڭ ئازغىنىسىدىن باشقىسى بۇيرۇقىمىزنى ئۇرۇندىمايتتى. شۇڭا ئۇلار ئاللاھ تائالانىڭ ئۆزلىرىنى قىلالمايدىغان ئىشقا بۇيرۇمىغانلىقىغا كۆپ شۈكۈر قىلسۇن. ئەگەر ئۇلار ئاللاھقا ئىتائەت قىلىش توغرىسىدا قىلىنغان نەسىھەتلەرگە ئەمەل قىلغان بولسا ئىدى، بۇنداق قىلىش ئەلۋەتتە قارشى چىققاندىن كۆپ ياخشى ۋە ئۇلارنىڭ ئىمانى تېخىمۇ مۇستەھكەم بولاتتى، شۇنداقلا بىز ئۇلارغا ھۇزۇرىمىزدىن كاتتا ساۋاب-مۇكاپاتلارنى بەرگەن بولاتتۇق ھەمدە ئۇلارنى ئاللاھقا ۋە ئۇنىڭ جەننىتىگە ئېلىپ بارىدىغان يولغا مۇۋەپپەق قىلغان بولاتتۇق.

ئوقۇغۇچتا ئېچىڭ - پۈتۈن سۈرىنى ئوقۇڭ