سۈرە 4 · پارە 5

سورة النساء · 4:60

أَلَمْ تَرَ إِلَى الَّذِينَ يَزْعُمُونَ أَنَّهُمْ آمَنُوا بِمَا أُنْزِلَ إِلَيْكَ وَمَا أُنْزِلَ مِنْ قَبْلِكَ يُرِيدُونَ أَنْ يَتَحَاكَمُوا إِلَى الطَّاغُوتِ وَقَدْ أُمِرُوا أَنْ يَكْفُرُوا بِهِ وَيُرِيدُ الشَّيْطَانُ أَنْ يُضِلَّهُمْ ضَلَالًا بَعِيدًا

ساڭا نازىل قىلىنغان كىتابقا (يەنى قۇرئانغا) ۋە سەندىن بۇرۇن نازىل قىلىنغان كىتابلارغا (يەنى تەۋراتقا ۋە ئىنجىلغا) ئىمان كەلتۈردۇق دەۋالغان كىشىلەر (يەنى مۇناپىقلار) نى كۆرمىدىڭمۇ؟ ئۇلار ئەرزىنى شەيتاننىڭ ئالدىغا ئېلىپ بارماقچى بولۇۋاتىدۇ؛ ھالبۇكى، ئۇلار شەيتاننى ئىنكار قىلىشقا بۇيرۇلغان، شەيتان ئۇلارنى چوڭقۇر ئازدۇرۇشنى خالايدۇ

تەپسىر

ئەي پەيغەمبەر! ساڭا نازىل قىلىنغان قۇرئانغا ۋە سەندىن ئىلگىرىكى پەيغەمبەرلەرگە نازىل قىلىنغان كىتابلارغا ئىمان كەلتۈرگەنلىكىنى داۋراڭ سالىدىغان يەھۇدىيلارنىڭ مۇناپىقلىرىنى كۆرمىدىڭمۇ؟ ئۇلار ئارىلىرىدىكى دەتالاشلاردا ئاللاھ يولغا قويغان شەرىئەتنى قويۇپ، ئىنسانلار چىقىرىۋالغان قانۇنلارنىڭ ئالدىغا دەۋالىشىپ بارماقچى بولۇشىدۇ، ھالبۇكى ئۇلار بۇنى ئىنكار قىلىشقا بۇيرۇلغان ئىدى. شەيتان ئۇلارنى توغرا يول تېپىۋالمىسۇن دەپ ھەقتىن تولىمۇ يىراقلاشتۇرۇۋېتىشنىڭ كويىدا بولىدۇ.

ئوقۇغۇچتا ئېچىڭ - پۈتۈن سۈرىنى ئوقۇڭ