سۈرە 4 · پارە 4
سورة النساء · 4:6
وَابْتَلُوا الْيَتَامَىٰ حَتَّىٰ إِذَا بَلَغُوا النِّكَاحَ فَإِنْ آنَسْتُمْ مِنْهُمْ رُشْدًا فَادْفَعُوا إِلَيْهِمْ أَمْوَالَهُمْ ۖ وَلَا تَأْكُلُوهَا إِسْرَافًا وَبِدَارًا أَنْ يَكْبَرُوا ۚ وَمَنْ كَانَ غَنِيًّا فَلْيَسْتَعْفِفْ ۖ وَمَنْ كَانَ فَقِيرًا فَلْيَأْكُلْ بِالْمَعْرُوفِ ۚ فَإِذَا دَفَعْتُمْ إِلَيْهِمْ أَمْوَالَهُمْ فَأَشْهِدُوا عَلَيْهِمْ ۚ وَكَفَىٰ بِاللَّهِ حَسِيبًا
يېتىملەرنى بالاغەتكە يەتكەنگە قەدەر سىناپ تۇرۇڭلار، ئۇلاردا ماللىرىنى باشقۇرالايدىغان ھالەتنى بايقىساڭلار، ئۇلارغا مال - مۈلكىنى تاپشۇرۇپ بېرىڭلار؛ ئۇلارنىڭ چوڭ بولۇپ قېلىشىدىن قورقۇپ مال - مۈلكىنى بۇزۇپ - چېچىپ يەۋالماڭلار. (يېتىمگە ۋەسى بولغانلاردىن) كىمكى باي ئىكەن، (ۋەسى بولغانلىق ھەققى ئۈچۈن) يېتىمنىڭ مال - مۈلكىنى يېيىشتىن ئۆزىنى ساقلىسۇن، (سىلەردىن) كىمكى يوقسۇل ئىكەن، ئۇ (ئۆز ئەمگىكىنىڭ ھەققى ئۈچۈن) مۇۋاپىق رەۋىشتە يېسۇن، ئۇلار (يەنى بالاغەتكە يەتكەن يېتىملەر) نىڭ مال - مۈلكىنى تاپشۇرۇپ بېرىدىغان چاغدا باشقىلارنى گۇۋاھ قىلىپ قويۇڭلار. اﷲ ھېساب ئېلىشقا يېتەرلىكتۇر
تەپسىر
ئى يېتىمنىڭ ئىگىلىرى! ئۇلارنى بالاغەت يېشىغا يەتكەنگە قەدەر ئۇلارغا ماللىرىدىن مەلۇم مىقداردا بېرىپ سىناڭلار، ئۇلاردا توغرا يول تۇتۇپ، مالنى چېرايلىق تەسەررۇپ قىلىش ئالامەتلىرى بايقالسا، ئۇلارغا ماللىرىنى كىمەيتىۋەتمەستىن تولۇق تاپشۇرۇپ بېرىڭلار، ئۇلارنىڭ ماللىرىدىن ھاجەت بولغاندا ئاللاھ سىلەرگە دۇرۇس قىلىپ بەرگەن مىقداردىن ئارتۇق يەۋالماڭلار، ئۇلارنىڭ بالاغەتكە يەتكەندە ماللىرىنى ئېلىۋىلىشىدىن ئەنسىرەپ ئۇنى بۇزۇپ-چېچىپ يېيىشكە ئالدىرىماڭلار، ئۆزىگە يەتكۈدەك مېلى بار كىشى يېتىمنىڭ مېلىنى ئېلىشتىن چەكلەنسۇن، سىلەرنىڭ بىرىڭلار كەمبەغەل بولسا، ئۇنىڭ مېلى بولمىسا يېتىمنىڭ مېلىدىن ھاجەت مىقدارىدا يېسە بولىدۇ، ئۇلار بالاغەتكە يەتكەندىن كېيىن ئۇلارنىڭ توغرا تەسەررۇپ قىلىدىغانلىقى نامايەندە بولغاندا ئۇلارغا ماللىرىنى تاپشۇرۇپ بېرىڭلار، ئىختىلاپتىن ساقلىنىپ، ھەق-ھوقۇقنى مۇھاپىزەت قىلىش ئۈچۈن ئۇلارنىڭ ماللىرىنى تاپشۇرۇپ بەرگەن شاھىتلارنى ھازىر قىلىڭلار، بۇنىڭدا شاھىتلىققا ئاللاھ كۇپايە قىلىدۇ، بەندىلەردىن قىلغان ئەمەللىرىگە كۆرە ھېساب ئالىدۇ.
ئوقۇغۇچتا ئېچىڭ - پۈتۈن سۈرىنى ئوقۇڭ