سۈرە 4 · پارە 5

سورة النساء · 4:37

الَّذِينَ يَبْخَلُونَ وَيَأْمُرُونَ النَّاسَ بِالْبُخْلِ وَيَكْتُمُونَ مَا آتَاهُمُ اللَّهُ مِنْ فَضْلِهِ ۗ وَأَعْتَدْنَا لِلْكَافِرِينَ عَذَابًا مُهِينًا

ئۇلار (يەنى مۇتەكەببىرلەر، ماختانچاقلار) بېخىللىق قىلىدۇ، كىشىلەرنى بېخىللىققا بۇيرۇيدۇ، اﷲ ئۇلارغا ئۆز پەزلىدىن بەرگەن نەرسىلەرنى (يەنى پۇل - مالنى، ۋە مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ تەۋراتتىكى سۈپىتىنى) يوشۇرىدۇ، (اﷲ نىڭ نېمىتىنى) ئىنكار قىلغۇچىلارغا خورلىغۇچى ئازابنى تەييارلىدۇق

تەپسىر

ئاللاھ تائالا ئۆزى بەرگەن رىزىقتىن ياخشىلىق يوللىرىغا ئىشلىتىشنى ۋاجىب قىلغان كىچىككىنە بىر قىسمىنىمۇ بەرگىلى ئۇنىمايدىغان، گەپ-سۆزلىرى ۋە ئىش-ھەرىكەتلىرى ئارقىلىق باشقىلارنىمۇ بەرمەسلىككە تەشۋىق قىلىدىغانلارنى ياقتۇرمايدۇ. بۇلار ئاللاھ ئۆز پەزلىدىن بەرگەن رىزىق، ئىلىم ۋە باشقا تۈرلۈك نېئمەتلەرنى يوشۇرىدۇ، كىشىلەرگە ھەقنى ئوچۇق ئېيتماي، ھەقىقىي ئەھۋالنى يوشۇرىدۇ، يالغان-ياۋىداقلارنى ئاشكارىلايدۇ. بۇ كاپىرلارنىڭ خۇسۇسىيىتىدۇر، بىز ھەقىقەتەن كاپىرلارغا خورلىغۇچى ئازاب تەييارلىدۇق.

ئوقۇغۇچتا ئېچىڭ - پۈتۈن سۈرىنى ئوقۇڭ