سۈرە 4 · پارە 5

سورة النساء · 4:34

الرِّجَالُ قَوَّامُونَ عَلَى النِّسَاءِ بِمَا فَضَّلَ اللَّهُ بَعْضَهُمْ عَلَىٰ بَعْضٍ وَبِمَا أَنْفَقُوا مِنْ أَمْوَالِهِمْ ۚ فَالصَّالِحَاتُ قَانِتَاتٌ حَافِظَاتٌ لِلْغَيْبِ بِمَا حَفِظَ اللَّهُ ۚ وَاللَّاتِي تَخَافُونَ نُشُوزَهُنَّ فَعِظُوهُنَّ وَاهْجُرُوهُنَّ فِي الْمَضَاجِعِ وَاضْرِبُوهُنَّ ۖ فَإِنْ أَطَعْنَكُمْ فَلَا تَبْغُوا عَلَيْهِنَّ سَبِيلًا ۗ إِنَّ اللَّهَ كَانَ عَلِيًّا كَبِيرًا

ئەرلەر ئاياللارنىڭ ھامىيلىرىدۇر، بۇ اﷲ نىڭ ئۇلارنىڭ بەزىسىنى بەزىسىدىن (يەنى ئەرلەرنى كۈچ - قۇۋۋەت، غازاتقا چىقىش قاتارلىق جەھەتلەردە ئاياللاردىن) ئارتۇق قىلغانلىقىدىندۇر ۋە ئەرلەرنىڭ ئۆز پۇل - ماللىرىنى سەرپ قىلغانلىقىدىندۇر (يەنى ئاياللارنىڭ نەپىقىسى ئەرلەرنىڭ زىممىسىگە يۈكلەنگەنلىكتىندۇر). ياخشى ئاياللار ئىتائەت قىلغۇچىلاردۇر، ئەرلىرى يېنىدا بولمىغان چاغلاردا اﷲ نىڭ پاناھىدا ئەرلىرىنىڭ ھەقلىرىنى ساقلىغۇچىلاردۇر، سىلەر سەركەشلىك قىلىشلىرىدىن قورقىدىغان ئاياللارغا نەسىھەت قىلىڭلار، (بۇ ئۈنۈم بەرمىسە) بىر تۆشەكتە بىللە ياتماڭلار، (بۇمۇ ئۈنۈم بەرمىسە) ئۇلارنى ئەدەبلەش مەقسىتىدە ئاستىراق ئۇرۇڭلار. ئەگەر سىلەرگە ئىتائەت قىلسا، ئۇلارنى بوزەك قىلىش خىيالىدا بولماڭلار. اﷲ ھەقىقەتەن سىلەردىن ئۈستۈندۇر، بۈيۈكتۇر (اﷲ ئاياللارغا زۇلۇم قىلغاننى جازالايدۇ)

تەپسىر

ئاللاھ تائالا ئەرلەرگە ئاياللارغا بەرمىگەن بىر قىسىم ئارتۇقچىلىقلارنى بەرگەنلىكى، ئاياللارنىڭ نەپىقىسىنى بېرىش ۋە ئۇلارنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىش مەجبۇرىيەتلىرى ئەرلەرنىڭ زىممىسىگە يۈكلەنگەنلىكى ئۈچۈن ئۇلار ئاياللارنى باشقۇرىدۇ ۋە ئۇلارنىڭ ئىش-پائالىيەتلىرىگە مەسئۇل بولىدۇ. سالىھ ئاياللار پەرۋەردىگارىغا ئىتائەت قىلغۇچى ۋە ئەرلىرىگە بويسۇنغۇچىلاردۇر. ئەرلىرى يېنىدا بولمىغان ۋاقىتلاردا ئاللاھنىڭ مۇۋەپپەق قىلىشى بىلەن ئەرلىرىنىڭ ھەقلىرىنى ساقلىغۇچىلاردۇر. ئەي ئەرلەر، سىلەر گەپ-سۆزدە ياكى ئىش-ھەرىكەتلىرىدە ئەرلىرىگە بويسۇنماسلىقىدىن ئەنسىرەيدىغان ئاياللارغا دەسلەپتە چىرايلىق نەسىھەت قىلىپ، ئاللاھتىن قورقۇشقا تەۋسىيە قىلىڭلار. ئەگەر ۋەز-نەسىھەت ئۈنۈم بەرمىسە، ئۇلارنى كۆرپىسىدە يالغۇز قويۇپ، كەينىڭلارنى قىلىۋېلىپ، ئۇلار بىلەن جىنسىي ئالاقىدە بولماڭلار. بۇمۇ ئۈنۈم بەرمىسە، يارلاندۇرماستىن يەڭگىل ئۇرۇڭلار. ئەگەر ئۇلار ئەيۋەشكە كەلسە، ئۇلارغا زۇلۇم قىلىش ۋە ئەيىبلەش بىلەن ھەددىڭلاردىن ئاشماڭلار. ھەقىقەتەن ئاللاھ تائالا ھەر نەرسىدىن ئۈستۈندۇر، زاتى ۋە سۈپىتىدە ھەممىدىن كاتتىدۇر، ئاللاھدىن قورقۇڭلار.

ئوقۇغۇچتا ئېچىڭ - پۈتۈن سۈرىنى ئوقۇڭ