سۈرە 4 · پارە 4
سورة النساء · 4:3
وَإِنْ خِفْتُمْ أَلَّا تُقْسِطُوا فِي الْيَتَامَىٰ فَانْكِحُوا مَا طَابَ لَكُمْ مِنَ النِّسَاءِ مَثْنَىٰ وَثُلَاثَ وَرُبَاعَ ۖ فَإِنْ خِفْتُمْ أَلَّا تَعْدِلُوا فَوَاحِدَةً أَوْ مَا مَلَكَتْ أَيْمَانُكُمْ ۚ ذَٰلِكَ أَدْنَىٰ أَلَّا تَعُولُوا
ئەگەر يېتىم قىزلارغا (ئۆيلىنىپ) ئادىل مۇئامىلىدە بولالماسلىقىڭلاردىن (يەنى تەربىيەڭلاردا بىرەر يېتىم قىز بولۇپ، ئۇنىڭغا شۇ قىزغا باراۋەر تۇرىدىغان قىزغا بېرىلىدىغان مەھرىنى بېرەلمەسلىكىڭلاردىن) قورقساڭلار، ئۇنى تەرك ئېتىپ، ئۆزۈڭلار ياقتۇرىدىغان باشقا ئاياللاردىن ئىككىنى، ئۈچنى ۋە تۆتنى ئېلىشىڭلارغا بولىدۇ، ئەگەر (ئۇلارنىڭ ئارىسىدا) ئادىل بولالماسلىقىڭلاردىن قورقساڭلار، بىر خوتۇن بىلەن ياكى قول ئاستىڭلاردىكى چۆرىلەر بىلەن كۇپايىلەنسەڭلار بولىدۇ. بىر خوتۇن بىلەن كۇپايىلىنىش زۇلۇم قىلماسلىققا ئەڭ يېقىندۇر
تەپسىر
ئەگەر قول ئاستىڭلاردىكى يېتىم قىزلار بىلەن توي قىلىپ ئۇلارغا تويلۇق مېھرىنى تولۇق بەرمەسلىك ياكى ياخشى مۇئامىلە قىلماسلىق تەرەپلىرىدىن ئادىللىق قىلالماسلىقىڭلاردىن قورۇقساڭلار، ئۇلارنى قويۇپ باشقا پاك ئاياللار بىلەن توي قىلىڭلار، خالىساڭلار ئىككىنى ياكى ئۈچنى ياكى تۆتنى ئېلىڭلار، ئەگەر ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ئادىللىق قىلالماسلىقتىن ئەنسىرىسەڭلار بىر بىلەن كۇپايىلەنسەڭلار بولىدۇ، ياكى قول ئاستىڭلاردىكى دېدەك-چۆرىلەردىن پايدىلانساڭلار بولىدۇ چۈنكى ئۇلارغا باشقا ھۆر ئاياللارغا ئوخشاش ھەق-ھوقۇقلار ۋاجىپ بولمايدۇ، قۇرئان كەرىمدىمۇ يېتىملار توغرسىدىكى ئايەتتە: بىر ئايال بىلەن توي قىلىش ياكى دېدەك-چۆرىلەردىن پايدىلىنىش زۇلۇم قىلماسلىق ۋە بىرىگە مايىل بولۇپ يەنە بىرىنى تاشلاپ قويماسلىققا بۇيرۇيدۇ.
ئوقۇغۇچتا ئېچىڭ - پۈتۈن سۈرىنى ئوقۇڭ