سۈرە 4 · پارە 6

سورة النساء · 4:176

يَسْتَفْتُونَكَ قُلِ اللَّهُ يُفْتِيكُمْ فِي الْكَلَالَةِ ۚ إِنِ امْرُؤٌ هَلَكَ لَيْسَ لَهُ وَلَدٌ وَلَهُ أُخْتٌ فَلَهَا نِصْفُ مَا تَرَكَ ۚ وَهُوَ يَرِثُهَا إِنْ لَمْ يَكُنْ لَهَا وَلَدٌ ۚ فَإِنْ كَانَتَا اثْنَتَيْنِ فَلَهُمَا الثُّلُثَانِ مِمَّا تَرَكَ ۚ وَإِنْ كَانُوا إِخْوَةً رِجَالًا وَنِسَاءً فَلِلذَّكَرِ مِثْلُ حَظِّ الْأُنْثَيَيْنِ ۗ يُبَيِّنُ اللَّهُ لَكُمْ أَنْ تَضِلُّوا ۗ وَاللَّهُ بِكُلِّ شَيْءٍ عَلِيمٌ

(ئى مۇھەممەد!) سەندىن (ئاتا - ئانىسى، بالىسى يوق مېيىتنىڭ مىراسى توغرۇلۇق) پەتىۋا سورىشىدۇ، ئېيتقىنكى، «اﷲ ئاتا - ئانىسى، بالىسى يوق كىشى (قالدۇرغان مىراس) توغرىسىدا پەتىۋا بېرىدۇ، ئەگەر بىر كىشى ۋاپات بولسا، بالىسى بولمىسا، پەقەت بىر ھەمشىرىسى بولسا، ئۇ تەرەكىنىڭ يېرىمىنى ئالىدۇ، ئەگەر ئۇ ئايالنىڭ بالىسى بولمىسا، ئەر بىر تۇغقىنى ئۇنىڭ ۋارىسى بولىدۇ (يەنى مىراسنىڭ ھەممىسىنى ئالىدۇ)، ئەگەر ئىككى ھەمشىرىسى بولسا، ئۇلار تەرەكىنىڭ ئۈچتىن ئىككى ھەسسىسىنى ئالىدۇ، ئەگەر ۋارىسلار ھەم ئەر، ھەم ئايال بىر تۇغقانلار بولسا (ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى) بىر ئەرگە ئىككى ئايالنىڭ ھەسسىسى بېرىلىدۇ، ئاداشماسلىقىڭلار ئۈچۈن اﷲ سىلەرگە (شەرىئەت ئەھكاملىرىنى) بايان قىلىپ بېرىدۇ. اﷲ ھەممە نەرسىنى بىلگۈچىدۇر»

تەپسىر

ئى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام! ئۇلار سەندىن كالالە توغرىسىدىكى مىراستىن سورايدۇ، كەلالە دېگەن: بىر كىشى ۋاپات بولۇپ ئۇنىڭ مىراس ئالىدىغان دادىسى ياكى بالىسى بولمايدۇ، ئۇلارغا ئېيتقىنكى: ئاللاھ كالالە توغرىسىدىكى ھۆكۈمنى بايان قىلىپ بېرىدۇ. بىرى ۋاپات بولۇپ ئۇنىڭ دادىسى ۋە بالىسىمۇ يوق بولۇپ، ئۇنىڭ بىر تۇغقان ھەمشىرىسى ياكى دادا بىر ھەمشىرىسى بولسا، ئۇنىڭغا قالغان مىراسنىڭ يېرىمى تېگىدۇ، بىر تۇغقان قېرىندىشى ياكى دادا بىر قېرىندىشى بولسا ۋە باشقا ئۆلچەملىك مىراس ئالىدىغان ۋارىسلار بولمىسا، ئۇ مىراسنىڭ قالغىنىنى يېقىنلىق بىلەن ئالىدۇ، ئەگەر ئۆلچەملىك مىراس ئالىدىغان ۋارىس بولسا ئۇنىڭدىن ئاشقىنىنى ئالىدۇ، ئەگەر بىر تۇغقان ھەمشىرىلەر ياكى دادا بىر ھەمشىرىلەر بىر قانچە بولسا، ئىككى ياكى ئىككىدىن كۆپ بولسا، ئۇلار مىراسنىڭ ئۈچتىن ئىككى قىسمىنى ئالىدۇ. ئەگەر بىر تۇغقان قېرىنداشلار ياكى دادا بىر قېرىنداشلار بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ئەر-ئاياللار بولسا، ئۇلار يېقىنلىق بىلەن "بىر ئەر ئىككى ئايالنىڭ مىراسىنىڭ ئوخشىشىنى ئالىدۇ" دېگەن قائىدە بويىچە مىراس ئالىدۇ. يەنى ئەرلەرنىڭ مىراسى ئىككى ئايالنىڭ مىراسىغا باراۋەر بولىدۇ. ئاللاھ تائالا سىلەرنىڭ مىراس ئىشلىرىدا ئېزىپ كەتمەسلىكىڭلار ئۈچۈن كەلالە ۋە باشقا مىراس ھۆكۈملىرىنى بايان قىلىپ بەردى. ئاللاھ ھەممە نەرسىنى بىلگۈچىدۇر، .ھېچ نەرسە ئاللاھقا مەخپى ئەمەس

ئوقۇغۇچتا ئېچىڭ - پۈتۈن سۈرىنى ئوقۇڭ