سۈرە 4 · پارە 6
سورة النساء · 4:170
يَا أَيُّهَا النَّاسُ قَدْ جَاءَكُمُ الرَّسُولُ بِالْحَقِّ مِنْ رَبِّكُمْ فَآمِنُوا خَيْرًا لَكُمْ ۚ وَإِنْ تَكْفُرُوا فَإِنَّ لِلَّهِ مَا فِي السَّمَاوَاتِ وَالْأَرْضِ ۚ وَكَانَ اللَّهُ عَلِيمًا حَكِيمًا
ئى ئىنسانلار! پەيغەمبەر (يەنى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام) سىلەرگە پەرۋەردىگارىڭلاردىن ھەق (دىن) ئېلىپ كەلدى، ئىمان ئېيتىڭلاركى، (بۇ) سىلەر ئۈچۈن پايدىلىق، ئەگەر ئىنكار قىلساڭلار (يەنى كۇفرىنى داۋاملاشتۇرساڭلار) (اﷲ سىلەردىن بىھاجەت). چۈنكى ئاسمانلاردىكى ۋە زېمىندىكى شەيئىلەرنىڭ ھەممىسى اﷲ نىڭدۇر (يەنى اﷲ نىڭ مەخلۇقاتىدۇر، مۈلكىدۇر). اﷲ (بەندىلىرىنىڭ ئەھۋالىنى) بىلگۈچىدۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر
تەپسىر
ئى ئىنسانلار! مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام سىلەرگە ئاللاھ تەرىپىدىن توغرا يولنى ۋە ھەق دىننى ئېلىپ كەلدى، دۇنيا-ئاخىرەتتە ئۆزۈڭلارغا ياخشى بولىشى ئۈچۈن مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ئېلىپ كەلگەن ھەقىقەتكە ئىشىنىڭلار، ئەگەر ئاللاھقا كاپىر بولساڭلار ئاللاھ سىلەرنىڭ ئىمانىڭلاردىن بىھاجەتتۇر. سىلەرنىڭ كاپىر بولۇشىڭلارنىڭ ئاللاھقا زېيىنى يوق، ئاسمانلاردىكى، زېمىندىكى ۋە ئۇ ئىككىسىنىڭ ئارىسىدىكى نەرسىلەر ئاللاھنىڭ مۈلكىدۇر. ئاللاھ كىمنىڭ ھىدايەتكە ھەقلىق بولىدىغانلىقىنى بىلىدۇ ۋە ئۇنىڭغا ھىدايەتنىڭ يولىنى ئاسانلاشتۇرۇپ بەرگۈچىدۇر. كىمنىڭ ھىدايەتكە ھەقلىق ئەمەسلىكىنى بىلىدۇ ۋە ئۇنى ھىدايەتتىن يىراق قىلىدۇ. ئاللاھ سۆزلىرى، ئىش-ھەرىكەتلىرى، پرىنسىپلىرى ۋە ئورۇنلاشتۇرۇشلىرىدا ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر.
ئوقۇغۇچتا ئېچىڭ - پۈتۈن سۈرىنى ئوقۇڭ