سۈرە 4 · پارە 4

سورة النساء · 4:16

وَاللَّذَانِ يَأْتِيَانِهَا مِنْكُمْ فَآذُوهُمَا ۖ فَإِنْ تَابَا وَأَصْلَحَا فَأَعْرِضُوا عَنْهُمَا ۗ إِنَّ اللَّهَ كَانَ تَوَّابًا رَحِيمًا

ئاراڭلاردا ئىككى كىشى (يەنى ئەر بىلەن ئايال) پاھىشە قىلسا، ئۇلارنى ئەيىبلەڭلار؛ ئەگەر ئۇلار تەۋبە قىلىپ تۈزەلسە، ئۇلارنى كەچۈرۈڭلار، اﷲ تەۋبىنى بەكمۇ قوبۇل قىلغۇچىدۇر، تولىمۇ مېھرىباندۇر

تەپسىر

ئاراڭلاردا ئەرلەردىن ئىككى كىشى زىنا-پاھىشە قىلغان بولسا، ئۇلار توي قىلغان بولسۇن ياكى توي قىلمىغان بولسۇن، تىللىرىڭلار ۋە قوللىرىڭلار بىلەن ئۇلارنى ئاھانەت قىلىش ۋە چەكلەش بىلەن ئەيىبلەڭلار، ئەگەر ئۇلار خاتالىقتىن قول ئۈزۈپ قىلمىشىنى ئىسلاھ قىلسا، ئۇلارغا ئەزىيەت يەتكۈزمەڭلار، چۈنكى گۇناھىدىن تەۋبە قىلغۇچى گۇناھ قىلمىغان كىشىگە ئوخشاشتۇر، ھەقىقەتەن ئاللاھ تائالا بەندىلىرىدىن تەۋبە قىلغان كىشىنىڭ تەۋبىسىنى قوبۇل قىلغۇچىدۇر ۋە ئۇلارغا بەك مېھرىباندۇر، ئىسلامنىڭ دەسلەپكى دەۋرىدە مۇشۇ بىرقانچە تۈرلۈك جازالاش بىلەن كۇپايە قىلغان، كېيىن توي قىلمىغان قىزنى قامچا ئۇرۇپ سۈرگۈن قىلىش ۋە توي قىلغان ئايالنى چالما-كېسەك قىلىش دېگەن ھۆكۈم بىلەن دەسلەپكى ھۆكۈم ئەمەلدىن قالغان.

ئوقۇغۇچتا ئېچىڭ - پۈتۈن سۈرىنى ئوقۇڭ