سۈرە 4 · پارە 6

سورة النساء · 4:157

وَقَوْلِهِمْ إِنَّا قَتَلْنَا الْمَسِيحَ عِيسَى ابْنَ مَرْيَمَ رَسُولَ اللَّهِ وَمَا قَتَلُوهُ وَمَا صَلَبُوهُ وَلَٰكِنْ شُبِّهَ لَهُمْ ۚ وَإِنَّ الَّذِينَ اخْتَلَفُوا فِيهِ لَفِي شَكٍّ مِنْهُ ۚ مَا لَهُمْ بِهِ مِنْ عِلْمٍ إِلَّا اتِّبَاعَ الظَّنِّ ۚ وَمَا قَتَلُوهُ يَقِينًا

يەنە اﷲ نىڭ رەسۇلى ئىسا ئىبن مەريەمنى ھەقىقەتەن ئۆلتۈردۇق دېگەنلىكلىرى ئۈچۈن (ئۇلارغا لەنەت قىلدۇق). ۋاھالەنكى، ئۇلارنىڭ ئىسانى ئۆلتۈرگىنىمۇ يوق، دارغا ئاسقىنىمۇ يوق ۋە لېكىن ئۇلارغا شۈبھە سېلىندى (ئىسانى ئاستۇق دەپ گۇمان قىلىپ، ئىسا ئەلەيھىسسالامغا ئوخشاپ قالغان باشقا بىرسىنى ئاستى)، ئىسا توغرىسىدا ئىختىلاپ قىلىشقانلار ھەقىقەتەن ئۇنىڭ ئۆلتۈرۈلگەنلىكى (مەسلىسى) دە شۈبھىدىدۇر. ئۇلار بۇ (ئىشنىڭ ھەقىقىتى) نى بىلمەيدۇ، گۇمانغىلا ئاساسلىنىدۇ، ئۇلار ئىسانى جەزمەن ئۆلتۈرمىدى

تەپسىر

ئۇلار پەخىرلىنىپ يالغاندىن ئاللاھنىڭ ئەلچىسى بولغان مەريەم ئوغلى مەسىھ ئىسانى بىز ئۆلتۈردۇق دېگەنلىكى ئۈچۈن ئۇلارغا لەنەت قىلدۇق، ۋاھالەنكى ئۇلار دەۋا قىلغىنىدەك ئىسانى ئۆلتۈرگىنىمۇ يوق ۋە دارغا ئاسقىنىمۇ يوق، لېكىن ئۇلار ئاللاھ ئىسانىڭ شەكلىگە ئوخشىتىپ قويغان باشقا بىر كىشىنى ئۆلتۈرۈپ، ئۆلتۈرۈلگۈچىنى ئىسا ئەلەيھىسسالام دەپ ئويلىدى، ئىسا ئەلەيھىسسالامنى ئۆلتۈردۈق دەپ دەۋا قىلغۇچىلار يەھۇدىي ۋە ئۇنى تۇتۇپ تاپشۇرۇپ بەرگۈچىلەر ناسارالار ئىدى، ھەر ئىككى گورۇھ ئىسا ئەلەيھىسسالامنىڭ ئىشى توغرىسىدا ھەيرانلىق شەكلىنىشتە قالدى، بۇ توغرىدا ئۇلاردا ئىلىم يوق پەقەت گۇمانغا ئەگىشىدۇ، گۇمان دېگەن ھەقنى بىر نەرسىدىن بىھاجەت قىلالمايدۇ، ئۇلار ھەرگىزمۇ ئىسا ئەلەيھىسسالامنى ئۆلتۈرمىدى ۋە دارغا ئاسمىدى.

ئوقۇغۇچتا ئېچىڭ - پۈتۈن سۈرىنى ئوقۇڭ