سۈرە 4 · پارە 5
سورة النساء · 4:140
وَقَدْ نَزَّلَ عَلَيْكُمْ فِي الْكِتَابِ أَنْ إِذَا سَمِعْتُمْ آيَاتِ اللَّهِ يُكْفَرُ بِهَا وَيُسْتَهْزَأُ بِهَا فَلَا تَقْعُدُوا مَعَهُمْ حَتَّىٰ يَخُوضُوا فِي حَدِيثٍ غَيْرِهِ ۚ إِنَّكُمْ إِذًا مِثْلُهُمْ ۗ إِنَّ اللَّهَ جَامِعُ الْمُنَافِقِينَ وَالْكَافِرِينَ فِي جَهَنَّمَ جَمِيعًا
اﷲ كىتابتا (يەنى قۇرئاندا) سىلەرگە نازىل قىلدىكى، سىلەر اﷲ نىڭ ئايەتلىرىنىڭ ئىنكار قىلىنىۋاتقان ۋە مەسخىرە قىلىنىۋاتقانلىقىنى ئاڭلىغان چېغىڭلاردا، ئۇلار (يەنى اﷲ نىڭ ئايەتلىرىنى مەسخىرە قىلىۋاتقان كاپىرلار) باشقا پاراڭغا كىرىشمىگىچە ئۇلار بىلەن بىللە ئولتۇرماڭلار، بولمىسا (گۇناھتا) ئۇلارغا ئوخشاش بولۇپ قالىسىلەر، اﷲ ھەقىقەتەن مۇناپىقلارنىڭ ۋە كاپىرلارنىڭ ھەممىسىنى (ئاخىرەتتە) جەھەننەمگە توپلايدۇ
تەپسىر
ئەي مۇئمىنلەر! ئاللاھ تائالا سىلەرگە قۇرئان كەرىمدە شۇنداق نازىل قىلدىكى، ئەگەر سىلەر بىرەر سورۇندا بولۇپ، ئۇ سورۇندا قانداقتۇر بىرىنىڭ ئاللاھنىڭ ئايەتلىرىگە كاپىر بولغانلىقىنى ۋە ئۇنى مەسخىرە قىلغانلىقىنى ئاڭلاپ قالساڭلار، تاكى ئۇلار ئاللاھنىڭ ئايەتلىرىگە كاپىر بولۇش ۋە ئۇنى مەسخىرە قىلىشتىن باشقا پاراڭغا چۈشمىگىچە ئۇلار بىلەن بىللە ئولتۇرۇشنى تاشلاپ، ئۇلارنىڭ سورۇندىن ئايرىلىشىڭلار لازىم. ناۋادا ئۇلار ئاللاھنىڭ ئايەتلىرىگە كاپىر بولغان ۋە ئۇنى مەسخىرە قىلغان ھالەتتىمۇ، ئۇلارنىڭ مەسخىرىلىرىنى ئاڭلاپ تۇرۇپ يەنە شۇلار بىلەن ھەمسۆھبەت بولساڭلار، سىلەرمۇ ئاللاھنىڭ ئەمرىگە قارشى چىقىشتا شۇلارغا ئوخشاش ھېسابلىنىسىلەر. چۈنكى ئۇلار ئاللاھنىڭ ئايەتلىرىگە كاپىر بولۇش ئارقىلىق ئاللاھقا قانداق ئاسىي بولغان بولسا، سىلەرمۇ ئۇلارغا ھەمسۆھبەت بولۇش ئارقىلىق ئاسىي بولدۇڭلار. شەكسىزكى ئاللاھ تائالا قارىماققا مۇسۇلمان بولغاندەك كۆرۈنۈپ، ئەمەلىيەتتە كۇپرىنى يوشۇرىدىغان مۇناپىقلارنى قىيامەت كۈنى جەھەننەمنىڭ ئوتىدا كاپىرلار بىلەن بىر يەرگە توپلايدۇ.
ئوقۇغۇچتا ئېچىڭ - پۈتۈن سۈرىنى ئوقۇڭ