سۈرە 4 · پارە 4

سورة النساء · 4:12

۞ وَلَكُمْ نِصْفُ مَا تَرَكَ أَزْوَاجُكُمْ إِنْ لَمْ يَكُنْ لَهُنَّ وَلَدٌ ۚ فَإِنْ كَانَ لَهُنَّ وَلَدٌ فَلَكُمُ الرُّبُعُ مِمَّا تَرَكْنَ ۚ مِنْ بَعْدِ وَصِيَّةٍ يُوصِينَ بِهَا أَوْ دَيْنٍ ۚ وَلَهُنَّ الرُّبُعُ مِمَّا تَرَكْتُمْ إِنْ لَمْ يَكُنْ لَكُمْ وَلَدٌ ۚ فَإِنْ كَانَ لَكُمْ وَلَدٌ فَلَهُنَّ الثُّمُنُ مِمَّا تَرَكْتُمْ ۚ مِنْ بَعْدِ وَصِيَّةٍ تُوصُونَ بِهَا أَوْ دَيْنٍ ۗ وَإِنْ كَانَ رَجُلٌ يُورَثُ كَلَالَةً أَوِ امْرَأَةٌ وَلَهُ أَخٌ أَوْ أُخْتٌ فَلِكُلِّ وَاحِدٍ مِنْهُمَا السُّدُسُ ۚ فَإِنْ كَانُوا أَكْثَرَ مِنْ ذَٰلِكَ فَهُمْ شُرَكَاءُ فِي الثُّلُثِ ۚ مِنْ بَعْدِ وَصِيَّةٍ يُوصَىٰ بِهَا أَوْ دَيْنٍ غَيْرَ مُضَارٍّ ۚ وَصِيَّةً مِنَ اللَّهِ ۗ وَاللَّهُ عَلِيمٌ حَلِيمٌ

ئەگەر ئاياللىرىڭلارنىڭ بالىلىرى بولمىسا، بۇ چاغدا ئۇلار قالدۇرغان مىراسنىڭ يېرىمى (ئى ئەرلەر!) سىلەرگە تېگىدۇ. ئەگەر ئۇلارنىڭ بالىلىرى بولسا، ئۇلارغا قالدۇرغان مىراسنىڭ تۆتتىن بىرى سىلەرگە تېگىدۇ. (بۇ تەقسىمات) مېيىتنىڭ ۋەسىيىتى ئورۇنلانغان ياكى مېيىتنىڭ قەرزى تۆلىنىپ بولغاندىن كېيىن ئېلىپ بېرىلىدۇ. ئەگەر سىلەرنىڭ بالىلىرىڭلار بولمىسا، بۇ چاغدا ئاياللىرىڭلارغا سىلەر قالدۇرغان مىراسنىڭ تۆتتىن بىرى تېگىدۇ، ئەگەر سىلەرنىڭ بالىلىرىڭلار بولسا، بۇ چاغدا ئايالىڭلارغا سىلەر قالدۇرغان مىراستىن سەككىزدىن بىرى تېگىدۇ. (بۇ تەقسىمات) مېيىتنىڭ ۋەسىيىتى ئورۇنلانغان ياكى قەرزى تۆلىنىپ بولغاندىن كېيىن ئېلىپ بېرىلىدۇ. ئەگەر مىراس قالدۇرغۇچى ئاتا - ئانىسىز، بالىسىز ئەر ياكى ئايال بولۇپ، ئۇنىڭ پەقەت ئانا بىر قېرىندىشى ۋە ئانا بىر ھەمشىرىسى بولسا، ئۇلارنىڭ ھەر بىرىگە مىراسنىڭ ئالتىدىن بىرى تېگىدۇ. ئەگەر مىراس قالدۇرغۇچىنىڭ (يەنى مىراس قالدۇرغۇچى مېيىتنىڭ ئانا بىر، ئاتا باشقا) قېرىنداشلىرى ۋە ھەمشىرىلىرى بۇنىڭدىن (يەنى بىردىن) كۆپ بولسا، ئۇ چاغدا مىراسنىڭ ئۈچتىن بىرى ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ئورتاق تەقسىم قىلىنىدۇ. (بۇ تەقسىمات) مېيىتنىڭ ۋەسىيىتى ئورۇنلانغان ياكى قەرزى تۆلىنىپ بولغاندىن كېيىن ئېلىپ بېرىلىدۇ. (مىراس قالدۇرغۇچى ئادەمنىڭ) ۋەسىيىتى ۋارىسلارغا زىيان يەتكۈزمەيدىغان بولۇشى كېرەك. ئۇ اﷲ تەرىپىدىن قىلىنغان تەۋسىيىدۇر، اﷲ ھەممىنى بىلگۈچىدۇر، ھەلىمدۇر (يەنى ئەمرىگە خىلاپلىق قىلغۇچىلارنى جازالاشقا ئالدىراپ كەتمەيدۇ)

تەپسىر

ئى ئەرلەر! سىلەر ئۈچۈن ئاياللىرىڭلار قالدۇرۇپ كەتكەن مىراسنىڭ يېرىمى تېگىدۇ، ئۇلارنىڭ سىلەردىن ياكى سىلەردىن بۇرۇنقى ئەرلىرىدىن ئوغۇل بولسۇن ياكى قىز بولسۇن پەرزەنتى بولماسلىقى كېرەك، ئەگەر ئۇلارنىڭ ئوغۇل بولسۇن ياكى قىز بولسۇن پەرزەنتى بولۇپ قالسا سىلەرگە ئۇلار قالدۇرۇپ كەتكەن مىراسنىڭ تۆتتىن بىر قىسمى تېگىدۇ، بۇ تەقسىمات ئۇلارنىڭ ۋەسىيىتى ئىجرا قىلىنغاندىن ۋە قەرزلىرى بولسا ئادا قىلىنغاندىن كېيىن بولىدۇ. ئاياللىرىڭلار ئۈچۈن سىلەر قالدۇرغان مىراسنىڭ تۆتتىن بىر قىسمى تېگىدۇ، بۇنىڭ شەرتى سىلەرنىڭ ئوغۇل بولسۇن ياكى قىز بولسۇن بۇ ئايالدىن بولسۇن ياكى باشقا ئايالدىن بولسۇن پەرزەنتىڭلار بولماسلىقى كېرەك، ئەگەر پەرزەنتىڭلار بولۇپ قالسا قىز بولسۇن ياكى ئوغۇل بولسۇن ئۇلارغا مىراسنىڭ سەككىزدىن بىر قىسمى تېگىدۇ، بۇ تەقسىمات سىلەرنىڭ ۋەسىيەتلىرىڭلار ئىجرا قىلىنغاندىن ۋە قەرزلىرىڭلار ئادا قىلىنغاندىن كېيىن بولىدۇ. ئەگەر بىر ئەر كىشى ۋاپات بولۇپ ئۇنىڭ مىراس ئالىدىغان دادىسى ياكى بالىسى بولمىسا، شۇنىڭدەك بىر ئايال ۋاپات بولۇپ ئۇنىڭ مىراس ئالىدىغان دادىسى ياكى بالىسى بولمىسا، مېيىتنىڭ ئانا بىر قېرىندىشى ياكى ئانا بىر ھەمشىرىسى بولسا، ئانا بىر قېرىندىشى ياكى ئانا بىر ھەمشىرىسى ئۈچۈن مىراستىن بەلگىلىمە بويىچە ھەر بىرىگە ئالتىدىن بىر قىسمى تېگىدۇ، ئەگەر ئانا بىر قېرىندىشى ياكى ئانا بىر ھەمشىرىسى بىردىن كۆپ بولسا، ئۇلارنىڭ ھەممىسى بەلگىلىمە بويىچە مىراسنىڭ ئۈچتىن بىر قىسمىگە شېرىك بولىدۇ، بۇنىڭدا ئەر-ئاياللار باراۋەر بولىدۇ، ئۇلار مېيىتنىڭ ۋەسىيىتى ئىجرا قىلىنغان ۋە ئۇنىڭ قەرزى ئادا قىلىنغاندىن كېيىن مىراستىن نېسىۋىسىنى ئالىدۇ، مېيىتنىڭ قىلغان ۋەسىيىتى ۋارىسلارغا زەرەر يەتكۈزمەسلىك ۋە ئومۇمى مىراسنىڭ ئۈچتىن بىر قىسمىدىن ئېشىپ كەتمەسلىك شەرتى بىلەن ئىجرا قىلىنىدۇ. ئايەت ئۆز ئېچىگە ئالغان بۇ ھۆكۈم ئاللاھدىن سىلەرگە بولغان ۋەدە بولۇپ ئۇنى سىلەرگە پەرز قىلدى. ئاللاھ دۇنيا-ئاخىرەتتە بەندىلىرىگە نېمىنىڭ پايدىلىق ئىكەنلىكىنى ياخشى بىلگۈچىدۇر، كەڭ قورساق بولۇپ ئاسىيلىق قىلغۇچىنى جازالاشقا ئالدىرمايدۇ.

ئوقۇغۇچتا ئېچىڭ - پۈتۈن سۈرىنى ئوقۇڭ