سۈرە 4 · پارە 5

سورة النساء · 4:119

وَلَأُضِلَّنَّهُمْ وَلَأُمَنِّيَنَّهُمْ وَلَآمُرَنَّهُمْ فَلَيُبَتِّكُنَّ آذَانَ الْأَنْعَامِ وَلَآمُرَنَّهُمْ فَلَيُغَيِّرُنَّ خَلْقَ اللَّهِ ۚ وَمَنْ يَتَّخِذِ الشَّيْطَانَ وَلِيًّا مِنْ دُونِ اللَّهِ فَقَدْ خَسِرَ خُسْرَانًا مُبِينًا

شۇنداقلا چوقۇم ئۇلارنى ئازدۇرىمەن، ئۇلارنى خام خىيال قىلدۇرىمەن (يەنى ھايات ئۇزۇن، قىيامەت، ھېساب ئېلىش يوق دېگەندەك باتىل ئەقىدىلەرنى كۆڭلىگە سالىمەن)، ئۇلارنى چوقۇم چاھار پايلارنىڭ (بۇتلارغا نەزەر قىلىپ بەلگە ئۈچۈن) قۇلاقلىرىنى يېرىشقا بۇيرۇيمەن، ئۇلارنى چوقۇم اﷲ نىڭ مەخلۇقاتىنى ئۆزگەرتىۋېتىشكە (يەنى قۇللارنى ئاختا قىلىش، ئۇلارغا مەڭ ئويدۇرۇشقا ئوخشاش) ئىشلارغا بۇيرۇيمەن». كىمكى اﷲ نى قويۇپ شەيتاننى دوست تۇتىدىكەن، ئۇ (دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە) ئوپئوچۇق زىيان تارتقان بولىدۇ

تەپسىر

ئۇلارنى سېنىڭ توغرا يولۇڭدىن توسىمەن، ئۇلارغا ئازغۇنلۇقنى چىرايلىق كۆرسىتىدىغان يالغان ۋەدىلەر بىلەن ئۈمىدلەندۈرىمەن، ئاللاھ ھالال قىلغان نەرسىلەرنى ھارام قىلىش ئۈچۈن چاھارىپايلارنىڭ قۇلاقلىرىنى كېسىشكە، ئاللاھنىڭ ياراتقىنىنى ۋە ئەسلى ھالىتىنى ئۆزگەرتىۋېتىشكە بۇيرۇيمەن. كىمكى شەيتاننى دوست تۇتۇپ، ئۇنىڭ كەينىگە كىرىدىكەن، قوغلاندى شەيتاننى دوست تۇتقانلىقى تۈپەيلىدىن ئوپئوچۇق زىيان تارتقان بولىدۇ.

ئوقۇغۇچتا ئېچىڭ - پۈتۈن سۈرىنى ئوقۇڭ