سۈرە 4 · پارە 5
سورة النساء · 4:113
وَلَوْلَا فَضْلُ اللَّهِ عَلَيْكَ وَرَحْمَتُهُ لَهَمَّتْ طَائِفَةٌ مِنْهُمْ أَنْ يُضِلُّوكَ وَمَا يُضِلُّونَ إِلَّا أَنْفُسَهُمْ ۖ وَمَا يَضُرُّونَكَ مِنْ شَيْءٍ ۚ وَأَنْزَلَ اللَّهُ عَلَيْكَ الْكِتَابَ وَالْحِكْمَةَ وَعَلَّمَكَ مَا لَمْ تَكُنْ تَعْلَمُ ۚ وَكَانَ فَضْلُ اللَّهِ عَلَيْكَ عَظِيمًا
(ئى مۇھەممەد!) ئەگەر ساڭا اﷲ نىڭ پەزلى ۋە رەھمىتى بولمىسا ئىدى، ئۇلاردىن بىر گۇرۇھ ئادەم چوقۇم سېنى ئازدۇرۇشنى قەستلەيتتى؛ ئۇلار پەقەت ئۆزلىرىنى ئازدۇرىدۇ، ساڭا قىلچە زىيان يەتكۈزەلمەيدۇ. اﷲ ساڭا كىتابنى (يەنى قۇرئاننى) ۋە ھېكمەتنى (يەنى سۈننەتنى) نازىل قىلدى، ساڭا سەن بىلمىگەن نەرسىلەرنى (يەنى شەرىئەت ئەھكاملىرىنى ۋە غەيب ئىشلارنى) بىلدۈردى. اﷲ نىڭ ساڭا پەزلى چوڭدۇر
تەپسىر
ئەي پەيغەمبەر! ئاللاھ تائالا سېنى ئۆز پاناھىغا ئېلىش ئارقىلىق مەرھەمەت قىلمىغان بولسا ئىدى، ئەلۋەتتە ئۆزلىرىگە خىيانەت قىلىدىغان ئاشۇلاردىن بىر ئوچۇم كىشىلەر سېنى توغرىدىن ئازدۇرۇۋېتىشكە بەل باغلىغان بولاتتى، ئۇ چاغدا سەن ئادالەتسىز ھۆكۈم قىلغان بولاتتىڭ. ئۇلار ئەمەلىيەتتە پەقەت ئۆزلىرىنىلا ئازدۇرىدۇ. چۈنكى ئۇلارنىڭ ئازدۇرۇۋېتىشكە ئۇرۇنۇشلىرىنىڭ جازاسى ئۆزلىرىگە يانىدۇ. ئاللاھ تائالا ساڭا قۇرئاننى ۋە سۈننەتنى نازىل قىلدى، ساڭا ھىدايەت ۋە نۇردىن سەن ئىلگىرى بىلمەيدىغان نەرسىلەرنى ئۆگەتتى. ئاللاھنىڭ ساڭا پەيغەمبەرلىكنى بېرىش ۋە باشقىلارنىڭ ئازدۇرۇشىدىن ساقلاش ئارقىلىق قىلغان ئىلتىپاتى تولىمۇ كاتتىدۇر.
ئوقۇغۇچتا ئېچىڭ - پۈتۈن سۈرىنى ئوقۇڭ