سۈرە 4 · پارە 5

سورة النساء · 4:108

يَسْتَخْفُونَ مِنَ النَّاسِ وَلَا يَسْتَخْفُونَ مِنَ اللَّهِ وَهُوَ مَعَهُمْ إِذْ يُبَيِّتُونَ مَا لَا يَرْضَىٰ مِنَ الْقَوْلِ ۚ وَكَانَ اللَّهُ بِمَا يَعْمَلُونَ مُحِيطًا

ئۇلار (خىيانەتلىرىنى) ئىنسانلاردىن (خىجىل بولۇپ) يوشۇرىدۇ، اﷲ تىن (خىجىل بولۇپ) يوشۇرمايدۇ؛ ئۇلار اﷲ رازى بولمايدىغان سۆزنى (يەنى بوھتان چاپلاش، يالغان گۇۋاھلىق بېرىش ۋە يالغان قەسەمنى) پىلانلىغان چاغدا، اﷲ ئۇلار بىلەن بىللە ئىدى (يەنى ئۇلارنىڭ ئەھۋالىنى بىلىپ تۇراتتى، سۆزىنى ئاڭلاپ تۇراتتى). ئۇلارنىڭ قىلمىشلىرىنى اﷲ تامامەن بىلگۈچىدۇر

تەپسىر

ئۇلار گۇناھ-مەئسىيەت سادىر قىلغان چاغدا قورقۇپ ۋە خىجىل بولۇپ ئىنسانلاردىن يوشۇرۇن قىلىدۇ - يۇ، ئاللاھتىن يوشۇرمايدۇ. ھالبۇكى ئاللاھ تائالا ئۇلارنىڭ ئەھۋالىنى تولۇق بىلىش ئارقىلىق ھەر دائىم ئۇلار بىلەن بىللىدۇر. ئۇلار گۇناھكارغا چاپان يېپىش، گۇناھسىز كىشىلەرگە تۆھمەت قىلىش دېگەندەك ئاللاھ رازى بولمايدىغان ئىشلارنى مەخپىي پىلانلىغان چاغدا ئۇلاردىن ھېچنەرسە ئاللاھقا مەخپىي قالمايدۇ. ئاللاھ تائالا ئۇلارنىڭ مەخپىي ۋە ئاشكارا قىلمىشلىرىنى تولۇق بىلىپ تۇرىدۇ. ئۇنىڭغا ھېچنەرسە مەخپىي قالمايدۇ، ئۇلارنىڭ قىلمىشلىرىغا قارىتا جازا-مۇكاپات بېرىدۇ.

ئوقۇغۇچتا ئېچىڭ - پۈتۈن سۈرىنى ئوقۇڭ