سۈرە 4 · پارە 5
سورة النساء · 4:104
وَلَا تَهِنُوا فِي ابْتِغَاءِ الْقَوْمِ ۖ إِنْ تَكُونُوا تَأْلَمُونَ فَإِنَّهُمْ يَأْلَمُونَ كَمَا تَأْلَمُونَ ۖ وَتَرْجُونَ مِنَ اللَّهِ مَا لَا يَرْجُونَ ۗ وَكَانَ اللَّهُ عَلِيمًا حَكِيمًا
دۈشمەننىڭ ئارقىسىدىن قوغلاشقا سۇسلۇق قىلماڭلار؛ ئەگەر سىلەر قىينالساڭلار، ئۇلارمۇ خۇددى سىلەرگە ئوخشاش قىينىلىدۇ، سىلەر ئۇلار ئۈمىد قىلمايدىغان نەرسىنى (يەنى شېھىت بولۇشىنى، ساۋابنى ۋە غەلىبىنى) اﷲ تىن ئۈمىد قىلىسىلەر. اﷲ ھەممىنى بىلگۈچىدۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر
تەپسىر
ئەي مۇئمىنلەر! كاپىر دۈشمىنىڭلارنى قوغلاشتا بوشاڭلىق، ھۇرۇنلۇق قىلماڭلار. چۈنكى سىلەر ئۆلتۈرۈلۈش ۋە يارىلىنىشتىن بىئارام بولغىنىڭلاردەك، دۈشمىنىڭلارمۇ بىئارام بولىدۇ. سىلەرگە كەلگەن خاپىلىق ئوخشاشلا ئۇلارغىمۇ كېلىدۇ. ئۇلارنىڭ چىدامچانلىقى سىلەرنىڭكىدىن ئېشىپ كەتمىسۇن. چۈنكى سىلەر ئاللاھتىن ساۋاب، غەلىبە ۋە ياردەم كۈتىسىلەر، ئەمما ئۇلار ئۇنى كۈتەلمەيدۇ. ئاللاھ تائالا بەندىلىرىنىڭ ئەھۋالىنى تولۇق بىلگۈچىدۇر، ئىشلارنى ئورۇنلاشتۇرۇشى ۋە يولغا قويغان ھۆكۈملىرىدە ھېكمەتلىك ئىش قىلغۇچىدۇر.
ئوقۇغۇچتا ئېچىڭ - پۈتۈن سۈرىنى ئوقۇڭ