سۈرە 4 · پارە 5
سورة النساء · 4:102
وَإِذَا كُنْتَ فِيهِمْ فَأَقَمْتَ لَهُمُ الصَّلَاةَ فَلْتَقُمْ طَائِفَةٌ مِنْهُمْ مَعَكَ وَلْيَأْخُذُوا أَسْلِحَتَهُمْ فَإِذَا سَجَدُوا فَلْيَكُونُوا مِنْ وَرَائِكُمْ وَلْتَأْتِ طَائِفَةٌ أُخْرَىٰ لَمْ يُصَلُّوا فَلْيُصَلُّوا مَعَكَ وَلْيَأْخُذُوا حِذْرَهُمْ وَأَسْلِحَتَهُمْ ۗ وَدَّ الَّذِينَ كَفَرُوا لَوْ تَغْفُلُونَ عَنْ أَسْلِحَتِكُمْ وَأَمْتِعَتِكُمْ فَيَمِيلُونَ عَلَيْكُمْ مَيْلَةً وَاحِدَةً ۚ وَلَا جُنَاحَ عَلَيْكُمْ إِنْ كَانَ بِكُمْ أَذًى مِنْ مَطَرٍ أَوْ كُنْتُمْ مَرْضَىٰ أَنْ تَضَعُوا أَسْلِحَتَكُمْ ۖ وَخُذُوا حِذْرَكُمْ ۗ إِنَّ اللَّهَ أَعَدَّ لِلْكَافِرِينَ عَذَابًا مُهِينًا
(ئى مۇھەممەد!) سەن مۆمىنلەر بىلەن (جىھادقا) بىللە بولۇپ ئۇلار بىلەن ناماز ئوقۇماقچى بولغىنىڭدا، ئۇلارنىڭ بىر پىرقىسى سەن بىلەن بىرلىكتە نامازغا تۇرسۇن، قوراللىرىنى (ئېھتىيات يۈزىسىدىن) يېنىدا تۇتسۇن، سەجدىگە بېرىپ بولغاندىن كېيىن ئۇلار ئارقاڭلارغا ئۆتۈپ تۇرسۇن (يەنى ناماز ئوقۇپ بولغان پىرقە ئارقاڭلاردا كۆزەتچىلىك قىلىپ تۇرسۇن، ئۇلارنىڭ ئورنىغا) ناماز ئوقۇمىغان ئىككىنچى بىر پىرقە كېلىپ سەن بىلەن بىرلىكتە (يەنى ئارقاڭدا) ناماز ئوقۇسۇن، (دۈشمەنلىرىدىن) ئېھتىياجلىق بىلەن ھوشيار تۇرسۇن. (دۈشمەنلىرى بىلەن ئۇرۇشۇشقا تەييار تۇرۇش يۈزىسىدىن) قوراللىرىنى يېنىدا تۇتسۇن، كاپىرلار سىلەرنىڭ قوراللىرىڭلاردىن، ئەشيالىرىڭلاردىن غەپلەتتە قېلىشىڭلارنى، شۇنىڭ بىلەن سىلەرگە بىردىنلا (تۇيۇقسىزدىن) ھۇجۇم قىلىشنى ئارزۇ قىلىدۇ (يەنى دۈشمەنلەرنىڭ سىلەرگە ھۇجۇم قىلىش پۇرسىتىگە ئىگە بولالماسلىقى ئۈچۈن، ھەممەڭلار بىرلا ۋاقىتتا يىغىلىپ ناماز ئوقۇماي، يۇقىرىقى ئۇسۇل بويىچە ئوقۇڭلار). ئەگەر سىلەرگە يامغۇر سەۋەبلىك ھەرەج بولىدىغان بولسا ياكى كېسەل بولساڭلار، (بۇ چاغدا) قوراللىرىڭلارنى قويۇپ قويساڭلار سىلەرگە ھېچ گۇناھ بولمايدۇ، ئېھتىياتچان ۋە ھوشيار بولۇڭلار، اﷲ ھەقىقەتەن كاپىرلار ئۈچۈن خور قىلغۇچى ئازاب تەييارلىدى
تەپسىر
ئەي پەيغەمبەر! دۈشمەن بىلەن جەڭ قىلىۋاتقان ۋاقىتتا قوشۇن ئىچىدە ناماز ئوقۇماقچى بولغىنىڭدا، قوشۇننى ئىككى گۇرۇپقا ئايرىپ، ئۇلاردىن بىر گۇرۇپ سەن بىلەن بىرگە نامازغا تۇرسۇن، ئەمما نامازدىمۇ قوراللىرىنى ئېلىۋالسۇن. يەنە بىر گۇرۇپ سىلەرنى مۇھاپىزەت قىلىپ تۇرسۇن. بىرىنچى گۇرۇپ ئىمام بىلەن بىر رەكئەت نامازنى ئوقۇپ بولغاندا، قالغىنىنى ئۆزلىرى تاماملىسۇن. نامازنى ئوقۇپ بولغاندا كەينىڭلارغا دۈشمەن تەرەپكە ئۆتۈپ تۇرسۇن ۋە مۇھاپىزەتچىلىكتە تۇرۇپ ناماز ئوقۇيالمىغان گۇرۇپ كېلىپ، ئىمام بىلەن بىرگە بىر رەكئەت ناماز ئوقۇسۇن. ئىمام سالام بەرگەندە نامازلىرىدىن قېپقالغىنىنى تولۇقلىۋالسۇن، دۈشمەنلىرىدىن پەخەس بولسۇن، قوراللىرىنىمۇ يانلىرىدا ئېلىۋالسۇن. شەكسىزكى كاپىرلار قوراللىرىڭلاردىن ۋە يۈك-تاقلىرىڭلاردىن بىخۇد قېلىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىدۇ. مۇبادا ھەممىڭلار بىراقلا نامازغا تۇرساڭلار، ئۇلار سىلەرنى بىخۇد ھالىتىڭلاردا بىر ھۇجۇم بىلەنلا يوقىتىشنى ئويلايدۇ. ئەگەر يامغۇر سەۋەبىدىن قىينىلىپ قالساڭلار ياكى كېسەل ۋە شۇنىڭغا ئوخشاش ئۆزرىلىك بوپقالساڭلار، قوراللىرىڭلارنى يېنىڭلاردا قويۇپ، قولۇڭلارغا ئالمىساڭلارمۇ سىلەرگە ھېچ گۇناھ بولمايدۇ. قولۇڭلاردىن كېلىشىچە دۈشمىنىڭلاردىن ھۇشيار بولۇڭلار. شەكسىزكى ئاللاھ كاپىرلارغا خورلىغۇچى ئازاب تەييارلىدى.
ئوقۇغۇچتا ئېچىڭ - پۈتۈن سۈرىنى ئوقۇڭ