سۈرە 4 · پارە 5
سورة النساء · 4:100
۞ وَمَنْ يُهَاجِرْ فِي سَبِيلِ اللَّهِ يَجِدْ فِي الْأَرْضِ مُرَاغَمًا كَثِيرًا وَسَعَةً ۚ وَمَنْ يَخْرُجْ مِنْ بَيْتِهِ مُهَاجِرًا إِلَى اللَّهِ وَرَسُولِهِ ثُمَّ يُدْرِكْهُ الْمَوْتُ فَقَدْ وَقَعَ أَجْرُهُ عَلَى اللَّهِ ۗ وَكَانَ اللَّهُ غَفُورًا رَحِيمًا
كىمكى اﷲ يولىدا ھىجرەت قىلىدىكەن، ئۇ زېمىندا چىقىش يولى ۋە كەڭچىلىك تاپىدۇ. كىمكى ئۆيىدىن اﷲ نىڭ ۋە پەيغەمبەرنىڭ تەرىپىگە ھىجرەت قىلىپ چىقسا، ئاندىن يولدا ئۆلسە، ئۇنىڭ ئەجرىنى چوقۇم اﷲ بېرىدۇ. اﷲ ناھايىتى مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر ۋە ناھايىتى مېھرىباندۇر
تەپسىر
كىمكى ئاللاھنىڭ رازىلىقىنى كۆزلەپ كۇپرى يۇرتىدىن ئىسلام دىيارىغا ھىجرەت قىلىدىكەن، ھىجرەت قىلىپ بارغان يەردە باشقىچە بىر ئەھۋالنى ۋە ئۇ جاينىڭ ئۆزى تاشلاپ چىققان زېمىندىن باشقىچە بىر جاي ئىكەنلىكىنى بىلىپ قالىدۇ. ئۇ، بۇ جايدا ئىززەت-شەرەپ ۋە مول رىزىققا ئېرىشىدۇ. كىمكى ئۆيىدىن ئاللاھ ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرى تەرەپكە ھىجرەت قىلىپ چىقىپ، ئاندىن ھىجرەت ماكانىغا يېتىپ بېرىشتىن بۇرۇن ئۆلۈپ كەتكەن بولسا، ئۇنىڭ ئەجرىنى چوقۇم ئاللاھ بېرىدۇ. ئۇنىڭ كۆزلىگەن جايغا يېتىپ بارالمىغانلىقىنىڭ ئۇنىڭغا ھېچقانداق زىيىنى بولمايدۇ. ئاللاھ تائالا بەندىلىرى ئىچىدىن تەۋبە قىلغانلارنىڭ گۇناھىنى مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، ئۇلارغا تولىمۇ شەپقەتلىكتۇر.
ئوقۇغۇچتا ئېچىڭ - پۈتۈن سۈرىنى ئوقۇڭ