سۈرە 39 · پارە 24

سورة الزمر · 39:75

وَتَرَى الْمَلَائِكَةَ حَافِّينَ مِنْ حَوْلِ الْعَرْشِ يُسَبِّحُونَ بِحَمْدِ رَبِّهِمْ ۖ وَقُضِيَ بَيْنَهُمْ بِالْحَقِّ وَقِيلَ الْحَمْدُ لِلَّهِ رَبِّ الْعَالَمِينَ

پەرىشتىلەرنىڭ پەرۋەردىگارىغا تەسبىھ ئېيتقان، ھەمدى ئېيتقان ھالدا ئەرشنىڭ چۆرىسىنى ئوراپ تۇرغانلىقىنى كۆرىسەن، ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ھەققانىي ھۆكۈم چىقىرىلىدۇ (مۆمىنلەر جەننەتكە كىرىدۇ، كاپىرلار دوزاخقا كىرىدۇ)، «جىمى ھەمدۇسانا ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى اﷲ قا خاستۇر!» دېيىلىدۇ

تەپسىر

ھەممە ھازىر بولغان بۇ كۈندە پەرىشتىلەر ئەرشنى قورشاپ تۇرىدىغان بولۇپ، ئۇلار ئاللاھنى كاپىرلار دېگەن نالايىق سۆزلەردىن پاكلايدۇ. ئاللاھ پۈتكۈل مەخلۇقاتلار ئارىسىدا ئادىللىق بىلەن ھۆكۈم قىلىدۇ. يەنى ھۆرمەتكە لايىق بولغانلارنى ھۆرمەتلەپ، ئازابقا تېگىشلىك بولغانلارنى ئازابلايدۇ. (ئاخىرىدا) دېيىلىدۇكى، جىمى ھەمدۇسانا مۇئمىن بەندىلىرىگە رەھمىتى بىلەن، كاپىر بەندىلىرىگە ئازاب بىلەن ھۆكۈم قىلغان پۈتكۈل مەخلۇقاتلارنىڭ پەرۋەردىگارى ئاللاھقا بولسۇن!.

ئوقۇغۇچتا ئېچىڭ - پۈتۈن سۈرىنى ئوقۇڭ