سۈرە 39 · پارە 24

سورة الزمر · 39:73

وَسِيقَ الَّذِينَ اتَّقَوْا رَبَّهُمْ إِلَى الْجَنَّةِ زُمَرًا ۖ حَتَّىٰ إِذَا جَاءُوهَا وَفُتِحَتْ أَبْوَابُهَا وَقَالَ لَهُمْ خَزَنَتُهَا سَلَامٌ عَلَيْكُمْ طِبْتُمْ فَادْخُلُوهَا خَالِدِينَ

پەرۋەردىگارىغا تەقۋادارلىق قىلغانلار جەننەتكە توپ - توپ بولغان ھالدا ماڭدۇرۇلىدۇ، ھالبۇكى، ئۇلار جەننەتكە يېتىپ كەلگەن چاغدا ئۇنىڭ دەرۋازىلىرى ئېچىلىپ بولغان بولىدۇ، جەننەتكە مۇئەككەل پەرىشتىلەر ئۇلارغا: «سىلەرگە ئامانلىق بولسۇن، سىلەر (گۇناھلارنىڭ كىرلىرىدىن) پاك بولدۇڭلار، جەننەتكە كىرىڭلار، (ئۇنىڭدا) مەڭگۈ قېلىڭلار» دەيدۇ

تەپسىر

پەرىشتىلەر پەرۋەردىگارىنىڭ بۇيرۇقلىرىنى ئىجرا قىلىش ۋە چەكلىمىلىرىدىن يېنىش ئارقىلىق تەقۋادار بولغان مۇئمىنلەرگە ھەمراھ بولۇپ، ئۇلارنى توپ - توپ بولغان ھالدا ھۆرمەتلەپ ئېلىپ ماڭىدۇ. ئۇلار جەننەتكە يېتىپ كەلگەن چاغدا ئۇنىڭ دەرۋازىلىرى ئېچىلىپ بولغان بولىدۇ. جەننەتكە مۇئەككەل پەرىشتىلەر ئۇلارغا: سىلەر ئەمدى ھەر قانداق زىيانلىق نەرسىدىن ۋە ياقتۇرمايدىغان نەرسىلەردىن خاتىرجەم بولدۇڭلار. سىلەرنىڭ قەلبلىرىڭلار ۋە ئەمەللىرىڭلار پاك ئىدى. شۇڭا ئەمدى جەننەتكە كىرىپ، ئۇ يەردە مەڭگۈ قېلىڭلار، دەيدۇ.

ئوقۇغۇچتا ئېچىڭ - پۈتۈن سۈرىنى ئوقۇڭ