سۈرە 39 · پارە 24
سورة الزمر · 39:52
أَوَلَمْ يَعْلَمُوا أَنَّ اللَّهَ يَبْسُطُ الرِّزْقَ لِمَنْ يَشَاءُ وَيَقْدِرُ ۚ إِنَّ فِي ذَٰلِكَ لَآيَاتٍ لِقَوْمٍ يُؤْمِنُونَ
ئۇلار بىلمەمدۇكى، اﷲ (سىناش يۈزىسىدىن) خالىغان ئادەمنىڭ رىزقىنى كەڭ قىلىدۇ، (خالىغان ئادەمنىڭ رىزقىنى) تار قىلىدۇ، شەك - شۈبھىسىزكى، بۇنىڭدا ئىمان ئېيتقان قەۋم ئۈچۈن نۇرغۇن ئالامەتلەر بار
تەپسىر
بۇ مۇشرىكلارمۇ ئىلگىرىكىلەر دېگەننى دېدى. ئۇلار بىلمەمدۇكى، ئاللاھ شۈكرى قىلامدۇ ياكى تۇزكورلۇق قىلامدۇ؟ دەپ خالىغان كىشىنىڭ رىزقىنى كەڭ قىلىدۇ. سەۋر قىلامدۇ ياكى ئاللاھنىڭ تەقدىرىدىن ۋايسامدۇ؟ دەپ خالىغان كىشىنىڭ رىزقىنى تار قىلىدۇ. شەكسىزكى رىزىقنىڭ كەڭ - تار قىلىنىشىدىن ئىبارەت مەزكۇر ئىشلاردا ئىشىنىدىغان قەۋم ئۈچۈن ئاللاھنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشىنى كۆرسىتىدىغان دەلىل - پاكىتلار بار. چۈنكى ئۇلار دەلىل - پاكىتلاردىن مەنپەئەت ئالالايدۇ. كاپىرلارغا كەلسەك، ئۇلار دەلىل - پاكىتلارنىڭ يېنىدىن يۈز ئۆرۈگەن پېتى ئۆتۈپ كېتىدۇ.
ئوقۇغۇچتا ئېچىڭ - پۈتۈن سۈرىنى ئوقۇڭ