سۈرە 39 · پارە 24

سورة الزمر · 39:49

فَإِذَا مَسَّ الْإِنْسَانَ ضُرٌّ دَعَانَا ثُمَّ إِذَا خَوَّلْنَاهُ نِعْمَةً مِنَّا قَالَ إِنَّمَا أُوتِيتُهُ عَلَىٰ عِلْمٍ ۚ بَلْ هِيَ فِتْنَةٌ وَلَٰكِنَّ أَكْثَرَهُمْ لَا يَعْلَمُونَ

ئىنسانغا بىرەر مۇسىبەت يەتسە، بىزگە دۇئا قىلىپ (ئىلتىجا قىلىدۇ)، ئاندىن ئۇنىڭغا مەرھەمەت قىلىپ بىرەر نېمىتىمىزنى ئاتا قىلساق، ئۇ: «بۇ نېمەت ماڭا ئۆز ئىلمىمدىن (يەنى پەزلىمدىن، ئەمگىكىمدىن، تىرىشچانلىقىمدىن، رىزىق تېپىشنىڭ يوللىرىنى بىلگەنلىكىمدىن) كەلدى» دەيدۇ. (ئىش ئۇ ئويلىغاندەك ئەمەس) بەلكى ئۇ سىناقتۇر (يەنى نېمەت ئاتا قىلىش بىلەن، ئۇنى ئىتائەت قىلامدۇ؟ ئاسىيلىق قىلامدۇ؟ دەپ سىنايمىز). لېكىن ئۇلارنىڭ تولىسى (بۇنى) بىلمەيدۇ

تەپسىر

كاپىر ئىنسانغا كېسەللىك ياكى يوقسۇللۇق ياكى شۇنىڭغا ئوخشىغان مۇسىبەتلەر كەلسە، بېشىغا كەلگەن مۇسىبەتنى كۆتۈرۈۋېتىشىمىز ئۈچۈن بىزگە دۇئا قىلىدۇ. ئاندىن بىز ئۇنىڭغا ساغلاملىق ياكى مال - دۇنيادىن ئىبارەت نېئمەت بەرگىنىمىزدە ئۇ: شەكسىزكى ئاللاھ بۇلارنى ماڭا مېنىڭ مۇشۇنىڭغا لايىق ئىكەنلىكىمنى بىلگەچكە بەردى، دەيدۇ. ھالبۇكى ئۇ بىر سىناق ۋە تۇيدۇرماي جازالاشتۇر. لېكىن كاپىرلارنىڭ تولىسى بۇنى بىلمەي، ئاللاھ بەرگەن نېئمەتلەرگە ئالدىنىپ قالىدۇ.

ئوقۇغۇچتا ئېچىڭ - پۈتۈن سۈرىنى ئوقۇڭ