سۈرە 39 · پارە 24
سورة الزمر · 39:47
وَلَوْ أَنَّ لِلَّذِينَ ظَلَمُوا مَا فِي الْأَرْضِ جَمِيعًا وَمِثْلَهُ مَعَهُ لَافْتَدَوْا بِهِ مِنْ سُوءِ الْعَذَابِ يَوْمَ الْقِيَامَةِ ۚ وَبَدَا لَهُمْ مِنَ اللَّهِ مَا لَمْ يَكُونُوا يَحْتَسِبُونَ
ئەگەر (ئۆزلىرىگە) زۇلۇم قىلغانلارنىڭ ئىگىدارچىلىقىدا يەر يۈزىدىكى نەرسىلەرنىڭ ھەممىسى يەنە شۇنىڭدەك بىر ھەسسە كۆپ نەرسە بولىدىغان بولسا، قىيامەت كۈنىدىكى قاتتىق ئازاب ئۈچۈن ئۇنى فىدىيە بەرگەن بولاتتى، ئۇلارغا اﷲ تەرىپىدىن (بۇ دۇنيادىكى چاغلىرىدا) ئويلاپ باقمىغان ئازابلار ئاشكارا بولىدۇ
تەپسىر
ناۋادا زېمىندىكى بارلىق قىممەتلىك جاۋاھىراتلار ۋە مال - دۇنيالارنىڭ ھەممىسى شېرىك كەلتۈرۈش ۋە گۇناھ - مەئسىيەتلەر ئارقىلىق ئۆزلىرىگە زۇلۇم قىلغانلارنىڭ ئىلكىدە بولغان بولسا، ئۇلار كۆرگەن دەھشەتلىك ئازابنىڭ دەستىدىن قايتا تىرىلدۈرۈلگەندىن كېيىن ئىلكىدىكى نەرسىلەرنىڭ ھەممىنى بېرىۋەتكەن بولاتتى. لېكىن ئۇلار ئۇنداق قىلالمايدۇ. ئۇ نەرسىلەر شۇلارنىڭ بولدى دېگەن تەقدىردىمۇ، ئۇلاردىن ھېچنەرسە قوبۇل قىلىنمايدۇ. ئۇلارغا ئاللاھ تەرەپتىن ئۇلار ئويلاپمۇ باقمىغان تۈرلۈك ئازابلار ئاشكارا بولدى.
ئوقۇغۇچتا ئېچىڭ - پۈتۈن سۈرىنى ئوقۇڭ