سۈرە 39 · پارە 24

سورة الزمر · 39:43

أَمِ اتَّخَذُوا مِنْ دُونِ اللَّهِ شُفَعَاءَ ۚ قُلْ أَوَلَوْ كَانُوا لَا يَمْلِكُونَ شَيْئًا وَلَا يَعْقِلُونَ

(ئۇلار پىكىر يۈرگۈزمىدى) بەلكى اﷲ نى قويۇپ، (بۇتلاردىن) شاپائەتچىلەرنى تۇتتى. ئېيتقىنكى، «ئۇلار (يەنى شاپائەتچى قىلىنغان بۇتلار) ھېچ نەرسىگە قادىر بولالمايدىغان ۋە (ھېچ نەرسىنى) سەزمەيدىغان تۇرسىمۇ (ئۇلارنى شاپائەتچى تۇتامدۇ؟)

تەپسىر

مۇشرىكلار ئاللاھنى قويۇپ بۇتلىرى ئىچىدىن پايدا يەتكۈزۈشىنى ئۈمىد قىلىدىغان شاپائەتچىلەرنى قىلىۋالدى. ئى پەيغەمبەر! ئۇلارغا ئېيتقىنكى، بۇتلار نە سىلەر، نە ئۆزلىرى ئۈچۈن ھېچ ئىش قىلالمايدىغان، ئەقىل ئىشلىتەلمەيدىغان، جانسىز، قىلچە سېزىممۇ يوق، سۆزلىيەلمەيدىغان، ئاڭلىمايدىغان، كۆرمەيدىغان، پايدا - زىيانمۇ يەتكۈزەلمەيدىغان تۇرسىمۇ يەنە شۇلارنى شاپائەتچى قىلىۋالامسىلەر؟

ئوقۇغۇچتا ئېچىڭ - پۈتۈن سۈرىنى ئوقۇڭ