سۈرە 39 · پارە 24
سورة الزمر · 39:41
إِنَّا أَنْزَلْنَا عَلَيْكَ الْكِتَابَ لِلنَّاسِ بِالْحَقِّ ۖ فَمَنِ اهْتَدَىٰ فَلِنَفْسِهِ ۖ وَمَنْ ضَلَّ فَإِنَّمَا يَضِلُّ عَلَيْهَا ۖ وَمَا أَنْتَ عَلَيْهِمْ بِوَكِيلٍ
شۈبھىسىزكى، بىز ساڭا كىتابنى ئىنسانلار ئۈچۈن ھەق بىلەن نازىل قىلدۇق، كىمكى ھىدايەت تاپىدىكەن، ئۆزى ئۈچۈن ھىدايەت تاپقان بولىدۇ، كىمكى ئازىدىكەن، ئۆزىنىڭ زىيىنى ئۈچۈن ئازغان بولىدۇ، سەن ئۇلارغا ھامىي ئەمەسسەن (يەنى ئۇلارنى ئىمانغا زورلاشقا مۇئەككەل ئەمەسسەن)
تەپسىر
ئى پەيغەمبەر! بىز ھەقىقەتەن ساڭا قۇرئاننى كىشىلەرنى ئاگاھلاندۇرۇشۇڭ ئۈچۈن نازىل قىلدۇق. كىمكى ھىدايەت تاپىدىكەن، ئۆزى ئۈچۈن ھىدايەت تاپقان بولىدۇ، يەنى ئۇنىڭ ھىدايەت تاپقانلىقىنىڭ پايدىسى ئاللاھقا بولمايدۇ.چۈنكى ئاللاھ ئۇنىڭ ھىدايەت تېپىشىدىن بىھاجەتتۇر. كىمكى ئازىدىكەن، ئۇنىڭ ئازغۇنلۇقىنىڭ زىيىنىمۇ ئۆزىگە بولىدۇ. ئۇنىڭ ئازغۇنلۇقى ئاللاھقا زىيان يەتكۈزەلمەيدۇ. سەن ئۇلارنى ھىدايەتكە زورلاشقا مۇئەككەل ئەمەسسەن. سېنىڭ ۋەزىپەڭ پەقەت يەتكۈزۈشكە بۇيرۇلغاننى ئۇلارغا يەتكۈزۈشتۇر.
ئوقۇغۇچتا ئېچىڭ - پۈتۈن سۈرىنى ئوقۇڭ