سۈرە 39 · پارە 24
سورة الزمر · 39:38
وَلَئِنْ سَأَلْتَهُمْ مَنْ خَلَقَ السَّمَاوَاتِ وَالْأَرْضَ لَيَقُولُنَّ اللَّهُ ۚ قُلْ أَفَرَأَيْتُمْ مَا تَدْعُونَ مِنْ دُونِ اللَّهِ إِنْ أَرَادَنِيَ اللَّهُ بِضُرٍّ هَلْ هُنَّ كَاشِفَاتُ ضُرِّهِ أَوْ أَرَادَنِي بِرَحْمَةٍ هَلْ هُنَّ مُمْسِكَاتُ رَحْمَتِهِ ۚ قُلْ حَسْبِيَ اللَّهُ ۖ عَلَيْهِ يَتَوَكَّلُ الْمُتَوَكِّلُونَ
ئەگەر ئۇلاردىن: «ئاسمانلارنى ۋە زېمىننى كىم ياراتقان» دەپ سورىساڭ، شۈبھىسىزكى، ئۇلار: «اﷲ ياراتقان» دەيدۇ. ئېيتقىنكى، «ئەگەر اﷲ ماڭا بىرەر زىيان - زەخمەت يەتكۈزۈشنى ئىرادە قىلسا، ئۇنى دەپئى قىلىشقا، يا اﷲ ماڭا رەھمەت قىلىشنى ئىرادە قىلسا، ئۇنى توسۇۋېلىشقا، اﷲ تىن باشقا سىلەر ئىبادەت قىلىۋاتقان مەبۇدلار قادىر بولالامدۇ؟ ماڭا ئېيتىپ بېرىڭلارچۇ؟» ئېيتقىنكى، «ماڭا اﷲ كۇپايىدۇر، تەۋەككۈل قىلغۇچىلار ئۇنىڭغا تەۋەككۇل قىلسۇن (يەنى ھەممە ئىشنى اﷲ قا تاپشۇرسۇن)»
تەپسىر
ئى پەيغەمبەر! ئەگەر بۇ مۇشرىكلاردىن: ئاسمانلارنى ۋە زېمىننى كىم ياراتتى؟ دەپ سورىساڭ، ئۇلار: ئاللاھ ياراتتى، دەپ جاۋاب بېرىدۇ. ئۇلارنىڭ ئىلاھلىرىنىڭ ئاجىزلىقىنى نامايان قىلىش يۈزىسىدىن ئۇلارغا ئېيتقىنكى: سىلەر ئاللاھنى قويۇپ چوقۇنۇۋاتقان بۇ بۇتلىرىڭلار ھەققىدە ماڭا مەلۇمات بېرىپ بېقىڭلارچۇ؟! ئەگەر ئاللاھ ماڭا بىرەر زەرەر يەتكۈزمەكچى بولسا، ئۇ بۇتلىرىڭلار مەندىن ئۇنى يوق قىلالامدۇ؟ ياكى رەببىم ماڭا بىرەر رەھمىتىنى يەتكۈزسە، بۇتلىرىڭلار مەندىن ئۇنىڭ رەھمىتىنى توسۇپ قالالامدۇ؟ ئۇلارغا ئېيتقىنكى، يېگانە ئاللاھ ماڭا يېتەرلىكتۇر. مەن پۈتۈن ئىشلىرىمدا پەقەت ئۇنىڭغىلا تاياندىم، تەۋەككۈل قىلغۇچىلارمۇ پەقەت ئۇنىڭغىلا تايانسۇن.
ئوقۇغۇچتا ئېچىڭ - پۈتۈن سۈرىنى ئوقۇڭ