سۈرە 39 · پارە 23

سورة الزمر · 39:3

أَلَا لِلَّهِ الدِّينُ الْخَالِصُ ۚ وَالَّذِينَ اتَّخَذُوا مِنْ دُونِهِ أَوْلِيَاءَ مَا نَعْبُدُهُمْ إِلَّا لِيُقَرِّبُونَا إِلَى اللَّهِ زُلْفَىٰ إِنَّ اللَّهَ يَحْكُمُ بَيْنَهُمْ فِي مَا هُمْ فِيهِ يَخْتَلِفُونَ ۗ إِنَّ اللَّهَ لَا يَهْدِي مَنْ هُوَ كَاذِبٌ كَفَّارٌ

بىلىڭلاركى، (شېرىكتىن ۋە رىيادىن) ساپ دىن اﷲ قا خاستۇر، اﷲ نى قويۇپ بۇتلارنى ھىمايىچى قىلىۋالغانلار: «بىزنىڭ ئۇلارغا چوقۇنۇشىمىز پەقەت ئۇلارنىڭ بىزنى اﷲ قا يېقىنلاشتۇرۇشى ئۈچۈندۇر» (دەيدۇ). اﷲ ھەقىقەتەن (قىيامەت كۈنى) ئۇلارنىڭ ئىختىلاپ قىلىشقان نەرسىلىرى ئۈستىدە ھۆكۈم چىقىرىدۇ، اﷲ ھەقىقەتەن يالغانچىنى، (اﷲ نىڭ نېمەتلىرىگە) كۇفرىلىق قىلغۇچىنى ھىدايەت قىلمايدۇ

تەپسىر

شۇ ئېنىق بولسۇنكى، شېرىكتىن خالىي بولغان دىن ئاللاھنىڭ دىنىدۇر. ئاللاھنى قويۇپ بۇت ۋە تاغۇتلارنى دوست تۇتقانلار ئاللاھنى قويۇپ شۇ بۇتلارغا ۋە تاغۇتلارغا چوقۇنىدۇ، ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ بۇ نەرسىلەرگە چوقۇنغانلىقىغا: بىز بۇلارغا پەقەت بىزنى ئاللاھقا يېقىنلاشتۇرۇپ، ئۇنىڭغا بولغان ھاجىتىمىزنى يەتكۈزۈپ، ئۇنىڭ دەرگاھىدا بىزگە شاپائەت قىلامىكىن دەپ چوقۇنىمىز، دېگەن سۆزلىرىنى باھانە قىلىشىدۇ. شەكسىزكى ئاللاھ تائالا قىيامەت كۈنى ئۆزىنى بىر دەپ ئېتىقاد قىلغان مۇئمىنلەر بىلەن شېرىك كەلتۈرگەن كاپىرلارنىڭ ئوتتۇرىسىدا ئۇلار ئىختىلاپلىشىپ قالغان تەۋھىد مەسىلىسىدە ھۆكۈم چىقىرىدۇ. شەكسىزكى ئاللاھ تائالا ئۆزىگە شېرىكنى چاپلىغان ۋە نېئمەتلىرىگە تۇزكورلۇق قىلغانلارنى ھەقنى تېپىشقا مۇۋەپپەق قىلمايدۇ.

ئوقۇغۇچتا ئېچىڭ - پۈتۈن سۈرىنى ئوقۇڭ