سۈرە 39 · پارە 23
سورة الزمر · 39:29
ضَرَبَ اللَّهُ مَثَلًا رَجُلًا فِيهِ شُرَكَاءُ مُتَشَاكِسُونَ وَرَجُلًا سَلَمًا لِرَجُلٍ هَلْ يَسْتَوِيَانِ مَثَلًا ۚ الْحَمْدُ لِلَّهِ ۚ بَلْ أَكْثَرُهُمْ لَا يَعْلَمُونَ
اﷲ (سىلەرگە مۇنداق) بىر مىسالنى كەلتۈرىدۇ: بىر قۇل بولۇپ، ئۇنىڭغا (ئىشقا سېلىشنى) تالىشىدىغان نۇرغۇن خوجايىنلار ئىگىدارچىلىق قىلىدۇ (بىرسى بۇ ئىشقا، بىرسى ئۇ ئىشقا بۇيرۇيدۇ، ئۇ كىمنى رازى قىلىشنى بىلەلمەي قالىدۇ)، يەنە بىر قۇل بولۇپ، ئۇ بىر ئادەمگىلا خاستۇر، بۇ ئىككى قۇل (يەنى ئۇنىڭ ئەھۋالى) باراۋەرمۇ؟ جىمى ھەمدۇسانا اﷲ قا خاستۇر! بەلكى ئۇلار (يەنى مۇشرىكلار) نىڭ تولىسى بىلمەيدۇ
تەپسىر
ئاللاھ تائالا مۇشرىك بىلەن تەۋھىد ئەقىدىسىدىكى كىشىگە ئۆزئارا دەتالاشقا چۈشۈپ قالغان، شېرىكلەرنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى بىر قۇلنىڭ مىسالىنى بايان قىلدى. بۇ قۇل بىرىنى مەمنۇن قىلسا، يەنە بىرىنىڭ ئاچچىقىنى كەلتۈرۈپ قويىدۇ. نەتىجىدە تېڭىرقاش ۋە قارارسىزلىق ئىچىدە ياشايدۇ. ئاللاھ تائالا يەنە پەقەت بىر ئادەمگىلا تەۋە بولغان بىر قۇلنىڭ مىسالىنى بايان قىلدى. بۇ قۇل خوجايىنىنى قانداق رازى قىلىشنى بىلىدۇ. شۇڭا ئۇ كۆڭلى خاتىرجەم، راھەت ياشايدۇ. بۇ ئىككى قۇل ئوخشاش بولمايدۇ. جىمى ھەمدۇسانا ئاللاھقا خاستۇر. بەلكى ئۇلارنىڭ كۆپىنچىسى بىلمەيدۇ.
ئوقۇغۇچتا ئېچىڭ - پۈتۈن سۈرىنى ئوقۇڭ