سۈرە 39 · پارە 23
سورة الزمر · 39:21
أَلَمْ تَرَ أَنَّ اللَّهَ أَنْزَلَ مِنَ السَّمَاءِ مَاءً فَسَلَكَهُ يَنَابِيعَ فِي الْأَرْضِ ثُمَّ يُخْرِجُ بِهِ زَرْعًا مُخْتَلِفًا أَلْوَانُهُ ثُمَّ يَهِيجُ فَتَرَاهُ مُصْفَرًّا ثُمَّ يَجْعَلُهُ حُطَامًا ۚ إِنَّ فِي ذَٰلِكَ لَذِكْرَىٰ لِأُولِي الْأَلْبَابِ
سەن بىلمەمسەنكى، اﷲ بۇلۇتتىن يامغۇر ياغدۇرىدۇ. ئاندىن ئۇنى يەرگە سىڭدۈرۈپ بۇلاقنى پەيدا قىلىدۇ. ئاندىن اﷲ ئۇنىڭ بىلەن رەڭگى خىلمۇخىل زىرائەتلەرنى ئۈندۈرىدۇ. ئاندىن ئۇ قۇرۇيدۇ، ئۇنىڭ سارغىيىپ كەتكەنلىكىنى كۆرىسەن. ئاندىن اﷲ ئۇنى شاخ - شۇمبىغا ئايلاندۇرىدۇ، ئۇنىڭدا ھەقىقەتەن ئەقىل ئىگىلىرى ئۈچۈن (اﷲ نىڭ قۇدرىتىنى كۆرسىتىدىغان) ئىبرەت بار
تەپسىر
شەكسىزكى سىلەر ئاللاھ تائالانىڭ بۇلۇتتىن يامغۇر ياغدۇرۇپ، ئۇنى بۇلاقلارغا ۋە ئۆستەڭلەرگە كىرگۈزگەنلىكىنى، ئاندىن مۇشۇ سۇلار ئارقىلىق رەڭلىرى بىر - بىرىگە ئوخشىمايدىغان تۈرلۈك زىرائەتلەرنى چىقارغانلىقىنى، ئاندىن كېيىن بۇ زىرائەتلەرنىڭ قۇرۇپ كەتكەنلىكىنى ئۆز كۆزۈڭلار بىلەن كۆرۈپ بىلىپ تۇرۇۋاتىسىلەر. ئەي مۇشۇنداق ھادىسىلەرگە شاھىت بولغۇچى! ئاندىن بۇ زىرائەتلەرنىڭ ياشىرىپ بولغاندىن كېيىن سارغىيىپ كەتكەنلىكىنى، ئاندىن قۇرۇپ قاقشال بولۇپ كەتكەنلىكىنى كۆرۈپ تۇرۇۋاتىسەن. شەكسىزكى بۇنىڭدا جانلىق قەلب ئىگىلىرى ئۈچۈن ئەلۋەتتە پەند - نەسىھەت بار.
ئوقۇغۇچتا ئېچىڭ - پۈتۈن سۈرىنى ئوقۇڭ