سۈرە 38 · پارە 23

سورة ص · 38:28

أَمْ نَجْعَلُ الَّذِينَ آمَنُوا وَعَمِلُوا الصَّالِحَاتِ كَالْمُفْسِدِينَ فِي الْأَرْضِ أَمْ نَجْعَلُ الْمُتَّقِينَ كَالْفُجَّارِ

ئىمان ئېيتقان ۋە ياخشى ئەمەللەرنى قىلغانلارنى يەر يۈزىدە بۇزغۇنچىلىق قىلغانلار بىلەن ئوخشاش قىلامدۇق؟ ياكى تەقۋادارلارنى فاجىرلارغا ئوخشاش قىلامدۇق؟

تەپسىر

ئاللاھقا ئىمان ئېيتقان، پەيغەمبىرىگە ئەگەشكەن ۋە ياخشى ئەمەللەرنى قىلغان كىشىلەرنى ھەرگىزمۇ كۇپۇرلۇق ۋە گۇناھ - مەئسىيەتلەر بىلەن يەر يۈزىدە بۇزۇقچىلىق قىلغانلارغا ئوخشاش قىلمايمىز، پەرۋەردىگارىنىڭ بۇيرۇقلىرىغا بويسۇنۇش، چەكلىمىلىرىدىن يېنىش ئارقىلىق ئۇنىڭغا تەقۋادار بولغانلارغا گۇناھ - مەئسىيەتلەرگە چۆمگەن كاپىر ۋە مۇناپىقلارغا ئوخشاش مۇئامىلە قىلمايمىز. چۈنكى ئۇلارغا ئوخشاش مۇئامىلە قىلىش زۇلۇم بولۇپ، ئاللاھنىڭ شانۇ-شەۋكىتىگە لايىق كەلمەيدىغان ئىشتۇر. بۇنىڭ ئەكسىچە ئاللاھ تائالا تەقۋادار مۇئمىنلەرنى جەننەتكە كىرگۈزۈش ئارقىلىق مۇكاپاتلىسا، بەدبەخت كاپىرلارنى دوزاخقا كىرگۈزۈش ئارقىلىق جازالايدۇ. چۈنكى ئۇلار ئاللاھنىڭ نەزىرىدە ھەرگىزمۇ باراۋەر بولمايدۇ، شۇڭا ئۇلارنىڭ ئاللاھنىڭ دەرگاھىدىكى جازا - مۇكاپاتلىرىمۇ ئوخشاش بولمايدۇ.

ئوقۇغۇچتا ئېچىڭ - پۈتۈن سۈرىنى ئوقۇڭ