سۈرە 38 · پارە 23
سورة ص · 38:26
يَا دَاوُودُ إِنَّا جَعَلْنَاكَ خَلِيفَةً فِي الْأَرْضِ فَاحْكُمْ بَيْنَ النَّاسِ بِالْحَقِّ وَلَا تَتَّبِعِ الْهَوَىٰ فَيُضِلَّكَ عَنْ سَبِيلِ اللَّهِ ۚ إِنَّ الَّذِينَ يَضِلُّونَ عَنْ سَبِيلِ اللَّهِ لَهُمْ عَذَابٌ شَدِيدٌ بِمَا نَسُوا يَوْمَ الْحِسَابِ
ئى داۋۇد! سېنى بىز ھەقىقەتەن يەر يۈزىدە خەلىپە قىلدۇق، كىشىلەرنىڭ ئارىسىدا ئادىللىق بىلەن ھۆكۈم چىقارغىن، نەپسى خاھىشقا ئەگەشمىگىنكى، ئۇ سېنى اﷲ نىڭ يولىدىن ئازدۇرىدۇ، اﷲ نىڭ يولىدىن ئازغانلار ھېساب كۈنى (يەنى قىيامەت كۈنى) نى ئۇنتۇغانلىقلىرى ئۈچۈن ھەقىقەتەن قاتتىق ئازابقا دۇچار بولىدۇ
تەپسىر
ئەي داۋۇد! ھەقىقەتەن بىز سېنى يەر يۈزىدە دىنىي ۋە دۇنيالىق ھۆكۈملەرنى چىقىرىدىغان خەلىپە قىلدۇق. شۇڭا كىشىلەرنىڭ ئارىسىدا ئادىللىق بىلەن ھۆكۈم قىلغىن، كىشىلەرنىڭ ئارىسىدا ھۆكۈم قىلغىنىڭدا ئۇرۇق - تۇغقانچىلىق ياكى دوستلۇق مۇناسىۋىتى تۈپەيلىدىن ياكى ئاراڭلاردىكى بىرەر دۈشمەنلىك تۈپەيلىدىن ئىككى دەۋاگەرنىڭ بىرىگە ئېغىپ كېتىش ئارقىلىق ھاۋايى - ھەۋەسكە ئەگەشمىگىن. بولمىسا ھاۋايى - ھەۋەس سېنى ئاللاھنىڭ توغرا يولدىن ئازدۇرۇۋېتىدۇ. شەكسىزكى ئاللاھنىڭ توغرا يولىدىن ئېزىپ كەتكەنلەرگە ھېساب بېرىدىغان كۈننى ئۇنتۇپ قالغانلىقلىرى ئۈچۈن قاتتىق ئازاب بار. چۈنكى ئۇلار ھېساب بېرىدىغان كۈننى ئەسلەپ، ئۇنىڭدىن قورققان بولسا ئىدى، ھەرگىزمۇ ھاۋايى - ھەۋەسلىرىگە ماسلىشىپ كەتمىگەن بولاتتى.
ئوقۇغۇچتا ئېچىڭ - پۈتۈن سۈرىنى ئوقۇڭ